Uyghurئاساسىي لۇغەت
بالقان ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
(1) بالقان ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇشى. 1912-يىل 10-ئاينىڭ 9-كۈنى، تۈركىيە ماكېدونىيە ۋ فرانسىيىگە ئاپتونومىيە بېرىشنى رەت قىلغاچقا، مۇنتېنېگرو ئالدى بىلەن تۈركىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىغان. 10-ئاينىڭ 17-كۈنى، 81-كۈنلىرى بۇلغارىيە، سېربىيە ۋە گرېتسىيە ئىلگىرى - كېيىن ئۇرۇشقا قاتناشقان. بولغارىيە قوشۇنلىرىنى ئاساسىي كۈچ قىلغان ئىتتىپاقچى ئارمىيە ئادەم سانى ۋە قورال- ياراق جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغاچقا، تۈركىيە ئارمىيىسىنى قەدەممۇ قەدەم چېكىنىشكە مەجبۇر قىلغان. 12-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۇرۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغان، كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىتتىپاقچىلار ئوتتۇرىغا قويغان سۈلھ شەرتىنى رەت قىلغاچقا، 1913-يىل 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۇرۇش ئوتى قايتىدىن تۇتاشقان. تۈركىيە يەنە ئېغىر مەغلۇپ بولۇپ، قايتىدىن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان، ياۋروپادىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئارىغا چۈشۈشى بىلەن، 5-ئاينىڭ 30-كۈنى لوندوندا سۈلھ كېلىشىم ئىمزالىغان. كېلىشىمگە ئاساسەن تۈركىيە ئىستانبۇل ۋە فراكىيىنىڭ ئاز بىر قىسىم يېرىدىن باشقا ياۋروپادىكى بارلىق جايلاردىن ئايرىلغان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش تۈركىيىنىڭ باقان يېرىم ئارىلىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك فېئوداللىق ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەرگەن. (2) بۇلغارىيە بىر تەرەپ، سېربىيە، گرېتسىيە، رومىنىيە، مونتېنېگرو ۋە تۈركىيە يەنە بىر تەرەپ بولغان ئۇرۇش. بىرىنچى قېتىمىلق بالقان ئۇرۇشدىن كېيىن، سېربىيە زېمىنىنى ماكېدونىيىگىچە كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىپ، گرېتسىيە جەنۇبىي ماكېدونىيە ۋە غەربىي فراكىيىگە قارىتا بېسىۋېلىش نىيىتىدە بولغان. بالقاندىكى ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمران گۇرۇھلىرىنىڭ سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلىش قارا نىيىتى بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1913-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، سېربىيە بىلەن گرېتسىيە مەخپىي ھالدا بۇلغارىيىگە قارشى ئىتتىپاق شەرتنامىسى تۈزگەن، رومىنىيىمۇ ئىتتىپاققا قاتناشقان. 6-ئاينىڭ 29-كۈنى، بۇلغارىيە گېرمانىيە ۋە ئاۋئاۋسترىيىنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن سېربىيە ۋە گرېتسىيىگە قارىتا ھەربىي ھەرىكەت قوللانغان. رومىنىيە، مونتېنېگرو ئارقىدىنلا ئۇرۇشقا قاتناشقان، تۈركىيىمۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بۇلغارىيىگە ھۇجۇم قىلغان. تۆت تەرەپتىن دۈشمەنگە دۇچ كەلگەن ئەھۋال ئاستىدا، بۇلغارىيە 7-ئاينىڭ 29-كۈنى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر بولغان. ئۆزىنى ماكېدونىيە ۋە فراكىيىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىن ھەمدە جەنۇبىي دوبرۇجادىن ئايرىلغان، شۇنداقلا ئادرىئانوپولدىن ۋاز كەچكەن. ئۇرۇشتىن كېيىن ئېغىر زەئىپلىشىپ كەتكەن بۇلغارىيە ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقى تەرەپكە بۇرۇلۇشقا باشلىغان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش بالقاندىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي مۇناسىۋەتنى كەسلىنلەشتۈرۈۋېتىپ، بىرىنچى ئۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالغان.