Uyghurئاساسىي لۇغەت
بابىلون تۇتقۇنلىرى
دۇنيا تارىخى
مىلادىن 865 يىل ئىلگىرى، يېڭى بابىلون پادىشاھى نېيۇچاد نېززار Ⅱ ئېرۇسالىمنى ئىشغال قىلىپ، يەھۇدىي خانلىقىنى يوقاتقان. يەھۇدىي بايلىرى، قول ھۈنەرۋەنلەر ۋە ئاددىي پۇقرادىن نەچچە ئون مىڭ ئادەم بابىلون تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، گۆرۈگە ئېلىنغان ياكى قۇل قىلىنغان، بۇ تارىختا <بابىلون تۇتقۇنلىرى> دەپ ئاتالغان. مىلادىدىن 538-يىل ئىلگىرى پېرسىيە شاھى كۇرۇش بابىلوننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، <تۇتقۇنلار> نى قويۇۋېتىپ، پەلەستىنگە قايتۇرۇپ، ئېرۇسالىمنى قايتىدىن قۇرغان، مىلادىدىن 586 - 538 يىل ئىلگىرىكى يىللاردىكى بۇ تارىخنى يەھۇدىيلار <ئازاب چەككەن دەۋر> دەپ ئاتاشقان.