Lughet
لۇغەتئۇيغۇرچەبابىيە
Uyghurئاساسىي لۇغەت

بابىيە

ئىسلام ئاتالغۇلىرى يېقىنقى زاماندىكى ئىسلام مەزھىپى بولۇپ، بابىيە ھەرىكىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ مەزھەپنى ئىراندىكى شىرازىلىك سودىگەر ئائىلىسىدىن چىققان شىئە ئۆلىماسى مىرزا ئەلى مۇھەممەد (1820 - 1850) قۇرغان. ئۇ ئۆزىنى <باب> (ئىماننىڭ دەرۋازىسى) دەپ ئاتىغانلىقتىن، بۇ مەزھەپ بابىيە دەپ ئاتالغان. ⅧⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى ئىراندىكى شىئە مەزھىپىدە پەيدا بولغان شەيخلار ئېقىمى بابىيە مەزھىپىنىڭ ئىدىيە باشلامچىسى بولدى. مىرزا ئەلى مۇھەممەد ئىراقتىكى كەربالاغا بېرىپ ھۈسەيىننىڭ قەبرىسىنى تاۋاپ قىلىپ، شەيخىيەنىڭ داھىيىسى سەيد كازىم رەشتى (؟ - 3184) بىلەن تونۇشۇپ، بۇ ئېقىمنىڭ سادىق مۇرتى بولغاندى. 1843 - يىلى شەيخىيەنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى. مىرزا ئەلى مۇھەممەد مۇنداق دەپ ئوتتۇرىغا قويدى: <ئون ئىككى ئىمام بىلەن مۇخلىسلىرىم ئوتتۇرىسىدا ۋاستە مەۋجۇت. بۇ ۋاستە بىرىدىن يەنە بىرىگە كىرگىلى بولىدىغان تۆت >باب< تىن ئىبارەت. ئون ئىككىنچى ئىمام غايىب بولغان مەزگىلدە مۇشۇ دەرۋازىلار ئارقىلىق مۇخلىسلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىشىپ تۇرىدۇ.> ھەمدە ئۆزىنىڭ <باب> ئىكەنلىكىنى، كىشىلەر مۇشۇ <بىلىم دەرۋازىسى> ئارقىلىق، پەيدا بولۇشىنى كۈتكەن <مەھدى> نىڭ مەقسىتىنى بىلەلەيدىغانلىقىنى ئاشكارە تەرغىب قىلدى. 1845 - يىلى ئۆزىنىڭ <مەھدى> ئىكەنلىكىنى، ۋەزىپىسى كىشلەر ئارىسىدىكى تەڭسىزلىكنى تۈگىتىپ، باراۋەر، ئادىل ۋە بەختلىك <ئادالەت پادىشاھلىقى> قۇرۇش ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇنىڭ تەرغىباتى تۆۋەن قاتلامدىكى نۇرغۇن موللىلارنى ۋە سودىگەرلەرنى مۇخلىش بولۇشقا جەلپ قىلدى. 18 دائىنى ئىراننىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىگە تەرغىبات قىلىشقا ئەۋەتتى، ئادىمى كۈنسايىن كۆپەيدى. مىرزا ئەلى مۇھەممەد ئەخلاقتا تەسىرلەندۈرۈش شەكلى ئارقىلىق، ئىراندىكى قەجەر سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە دىنىي ئىسلاھات توغرىسىدىكى تەشەببۇسىنى قوبۇل قىلدۇرماقچى بولدى. لېكىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماي، باستۇرۇلدى. ھۆكۈمەت تەرەپتىكى شىئە مەزھىپىنىڭ ئۆلىمالىرى ئۇنىڭ ئەقىدىسىگە <بىدئەتلىك> دەپ قاراپ، ھۇجۇم قىلدى. بۇ مەزھەپ كۈچىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئۇلغىيىپ كېتىپ بارغانلىقىنى كۆزدە تۇتقان ئىران پادىشاھى 1847 - يىلى مىرزا ئەلى مۇھەممەدنى قولغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلىدى. مىرزا ئەلى مۇھەممەد تەبرىزدىكى تۈرمىدە <قۇرئان كەرىم> نى تەقلىد قىلىپ، پارسچە <بىشارەتنامە> (<ئەل بەيان> مەنىسى <خىتاپبامە> دېگەنلىك بولىدۇ) ناملىق كىتاب يازدى. بۇ كىتابتا بابىيەنىڭ ئەقىدە تەلىماتى، قانۇن - قائىدىلىرى ۋە دىنىي ئىجتىمائىي ئىسلاھات تەشەببۇسى سىستېمىلىق بايان قىلىنىپ، شۇ مەزھەپتىكى مۇخلىسلار تەرىپىدىن <قۇرئان كەرىم> گە ئوخشاش مۇقەددەس كىتاب دەپ قارالدى. باب بۇ كىتابتا ئىسلام دىنىنىڭ كونا دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، بابىيە مەزھىپى ئاچقان يېڭى دەۋرنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئىنسان جەمئىيىتىنىڭ ھەر بىر دەۋرى دەۋرلىنىش ۋاقتى بويىچە ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ھەر بىر دەۋرلىك ئايلىنىش ئاخىرلاشقاندا يېڭى دەۋرلىك ئايلىنىش باشلىنىدۇ. ھەر بىر تارىخىي دەۋر ئاخىرلاشقاندا ئاللا يېڭى پەيغەمبەر ئەۋەتىپ، كىشىلەرنىڭ كونا دۇنيانى پاچاقلاپ، يېڭى دۇنيا قۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇرىدۇ. ھەر بىر دەۋرنىڭ ئۆزىگە خاس تۈزۈمى ۋە قانۇنى بولىدۇ. دەۋرنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن كونا تۈزۈم، قانۇنلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. لېكىن يېڭى تۈزۈم، قانۇنلارنى <ئاددىي بەندە> تۈزۈپ چىقالمايدۇ. ئۇنى ئاللا ئەۋەتكەن <يېڭى پەيغەمبەر> ئېلان قىلىدۇ، دەپ قارىدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە <تەۋرات>، ئىيسا ئەلەيھىسسالام <ئىنجىل>، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە <قۇرئان كەرىم> نىڭ ھەر بىرى بىر دەۋرگە ۋەكىللىك قىلغانىدى. لېكىن بىرىنىڭ ئورنىنى يەنە بىرى ئالدى، دەپ قارىدى. باب ئۆزىنى ئاللا بۇ دۇنياغا ئەۋەتكەن يېڭى پەيغەمبەر، <بېشارەتنامە> ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرۇپ <قۇرئان كەرىم> نىڭ ئورنىنى ئالىدىغان يېڭى كىتاب. ھازىرقى ھەممە تۈزۈم ۋە قانۇنلار <بېشارەتنامە> نىڭ روھى بويىچە تۈزىتىلىشى كېرەك، دېدى. بابىيە مەزھىپىنىڭ قارىشىچە، ئاللانىڭ زاتى مۇتلەق مەۋجۇت بولۇپ، تەبىئەتتىن ھالقىغان بولىدۇ. ئاللا پېشانىگە پۈتۈش، بەلگىلەش، نىيەت قىلىش، ئارزۇ قىلىش، يول قويۇش، قىيامەت ۋە ۋەھىيىدىن ئىبارەت يەتتە خىل سۈپەتكە ئىگە بولىدۇ. ئاللا مۇشۇ يەتتە خىل سۈپەتتىن پايدىلىنىپ، تەبىئەت دۇنياسىنى، ئىنساننى ۋە ھادىسىلەر دۇنياسىنى ياراتتى، دەپ قارىدى. بۇ مەزھەپنىڭ قرىشىچە <19> ئىلاھىي خىسلەت بىلەن رەسۇللا خىسلىتى بىرلىككە كەلگەن سان بولۇپ، ئاللا زاتىنىڭ مىقدارلىق ئالامىتىدۇ. شۇڭا ھەر يىل 19 ئاي، ھەر ئاي 19 كۈن بولۇشى، ھەر كۈن ئاللانىڭ سۈپەتلىرىنى ئىپادىلەپ بېرىىدىغان 19 نام بىلەن ئاتىلىشى ھەمدە 19 ئادەمدىن تەركىب تاپقان دىنىي تەبلىغ تەشكىلى قۇرۇش لازىم. بۇ مەزھەپ شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن دىنىي پەرزلەرنى ۋە ئەھكاملارنى ئىنكار قىلدى. ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، غۇسلى قىلىش قاتارلىقلار توغرىسىدا شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن بەلگىلىمىلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ياكى مەسچىتتە جامائەت ناماز ئوقۇشنىڭ زۆرۈرسىزلىكىنى، ھەر كىم ئۆزىگە ئاسان بولغاندا ناماز ئوقۇسا بولىدىغانلىقىنى؛ ھەر يىلى 19 كۈن روزا تۇتۇشنى بەلگىلەش كېرەكلىكىنى؛ غۇسلى قىلىش شەرىئەت بەلگىلىمىسىگە مەنسۇپ بولماي، ياخشى ئەمەلگە مەنسۇپ بولغاچقا، ئاددىيلاشتۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلدى. بۇ مەزھەپ مۇخلىسىلىرىنىڭ ھاراق ئىچىشىنى، قىمار ئوينىشىنى ۋە تىلەمچىلىك قىلىشىنى قاتتىق مەنئى قىلدى. دىۋانىغا سەدىقە بېرىشنى، كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا زىيان يەتكۈزۈشنى، جەمئىيەت ئامانلىقىغا بۇزغۇنچلىق قىلىشنى ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپلىق قىلىشنى چەكلىدى. ئەر - ئاياللارنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشىگە ۋە قايتا نىكاھلىنىشىغا يول قويدى. ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ بايلىققا ئورتاق ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشنى، ئاياللارنىڭ چۈمبەل تارتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. بۇ مەزھەپ ئىجتىمائىي ئىسلاھاتقا دائىر بىر قاتار تەشەببۇسلارنى، مەسلەن، سودا ۋە كېلىشىم ئىمزالاشنىڭ مۇتلەق ئەركىنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش؛ نىسى مالنىڭ پۇلىغا مەلۇم ئۆسۈم ئېلىشقا يول قويۇش، ھەممە ئالۋان - ياساقلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى يوقىتىش، ھۆكۈمرانلارنىڭ بايلىقىنى مۇسادىرە قىلىپ نامراتلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىش، پۇل تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش قاتارلىق تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1847 - يىلى باب قولغان ئېلىنغاندىن كېيىن، مۇخلىسلارنىڭ قارشىلىقى تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئورنىدا بابىيە ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان ھۈسەيىن بۇشىرۇيە ۋە مۇھەممەد ئەلى بارفۇرۇشى (؟ - 1849) پرسىيىنىڭ ھەر قايىسى جايلىرىدا داۋاملىق تەشۋىق قىلىپ، نۇرغۇن قوللىغۇچىلارنى قولغا كەلتۈردى ھەمدە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە بۇرالدى. ھۈسەين 1848 - يىلى 9 - ئايدا ئىراننىڭ شىمالىدىكى مازەند ران ئۆلكىسىدىكى بىدەشت رايونىدا ئالدى بىلەن قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈردى. بۇ قوزغىلاڭ پۈتۈن مەملىكەتكە تېز يېيىلىپ كەتتى. جايلاردىكى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى 1849 - يىلى 2 - ئايدا 100 مىڭ ئادەمدىن ئېشىپ كەتتى. باب تۈرمىدە تۇرۇپ سىرت بىلەن ئالاقىلىشىپ، كىشىلەرنى مۇقەددەس ئادالەت پادىشاھلىقىنى قۇرۇش يولىدا ئاخىرقى بىر تامچە قېنى قالغىچە كۈرەش قىلىشقا چاقىردى. قوزغىلاڭ داھىيىسى ھۈسەيىن، ئەلى زەنجانى قاتارلىق كىشىلەر كۈرەش داۋامىدا قۇرباب بولدى. 1850 - يىلى 7 - ئايدا باب تەبرىز تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. بابنىڭ نۇرغۇن ئەگەشكۈچىلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. 1851 - يىلى جايلاردىكى بابىيە مەزھىپىنىڭ قوزغىلىڭى قەجەر سۇلالىسىنىڭ قوشۇنلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلدى. ئىران پادىشاھى نەسىرىدىن شاھ بابىيە مۇخلىسلىرى تەرىپىدىن قەستلەپ يارىدار قىلىندى. پادىشاھ بابنىڭ مۇخلىسلىرىنى مەملىكەت بويىچە تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە باستۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. بۇ چاغدا بابنىڭ مۇخلىسلىرى ئىراققا كۆپلەپ قېچىپ كەتتى. ئۇلار ئىراققا بارغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپكە بۆلۈنۈپ كەتتى. بىر تەرەپ ئەلىچىلار بولۇپ، ئۇنىڭغا مىرزا يەھيا رەھبەرلىك قىلىپ، بۇرۇنقى ئەقىدىدە چىڭ تۇردى. لېكىن، ئادىمى ئاز بولدى؛ يەنە بىرى ئەل باھائىيە بولۇپ، بۇنىڭغا مىرزا يەھيانىڭ ئاكىسى مىرزا ھۈسەيىن ئەلى رەھبەرلىك قىلىپ، ئوخشىمىغان ئەقىدىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوخشىمىغان ئەقىدىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پەلەستىننىڭ ئاق شەھىرىدە مۇستەقىل بەھائىيە مەزھىپىنى قۇردى. مىرزا يەھيا 1868 - يىلى سپروس ئارىلىدا سۈبھى ئەزەلى (مەڭگۈلۈك سەھەر) ناملىق يېڭى مەزھەپنى قۇرۇپ، ئۇنى بابىيە روھىنىڭ ۋارىسى قىلدى. بابىيە ئەقىدىسى ھازىرمۇ ئىراندىكى تېھران، شىرازى، كەرمان ۋە نىرىز قاتارلىق جايلاردا مەۋجۇت. ئىراق ۋە پاكسىتاندىمۇ ئاز ساندىكى مۇخلىسلىرى بار.
Rate this entry

باشقا مەنبەلەردىكى ئوخشاش سۆز

بابىيەUyghurChineseئاساسىي لۇغەت

مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر

بابىلونىيەUyghurبىيەUyghurبۇرابىيەUyghurبابىلUyghurبابىكUyghurبابىداUyghur
← ئىزدەش