Uyghurئاساسىي لۇغەت
بابىيەلەر ھەرىكىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
يېقىنقى زماندىكى پرسىيە (دۆلەت نامى 1935 - يىلى ئىرانغا ئۆزگەرتىلدى) دە يۈز بەرگەن ئىسلام جەمئىيىتىنى ئىسلاھ قىلىش ھەرىكىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ھەرىكەت ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى <بابىيە> نامى بىلەن پرسىيە خەلقىنى فېئوداللىققا قارشى قوزغىلاڭغا ھەرىكەتلەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالدى. <بابىيەلەر قوزغىلىڭى> مۇ دېيىلدى. بۇ ھەرىكەتنى باشلىغان سەئىد ئەلى مۇھەممەد فېئودال ھۆكۈمرانلىقتىن نارازى بولۇپ، دىنىي ئىسلاھات ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش نىيىتىدە 1844 - يىلى ئۆزىنى باب (ئىشىك - ئېتىقاد ئىشكى) دەپ ئاتىدى. شۇنىڭ بىلەن بابىيە دەپ ئاتالدى. ئۇ: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋرى ئاخىرلاشتى، <قۇرئان كەرىم> كونىرىدى. دۇنيادا زۇلۇم ۋە زالىملىق بولمىغان، ھەممە ئادەم باراۋەر بولغان، ئادىل، بەختلىك ھايات كەچۈردىغان يېڭى دەۋرنى قايتىدىن قۇرۇش لازىم، ئاللا ئەۋەتكەن باب بۇ ئېغىر ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان يېڭى پەيغەمبەردۇر. مۇسۇلمانلار باب ئارقىلىق ئاللارنى كۆرەلەيدۇ ھەمدە ئۇ يازغان <ئەل بەيان> نى <قۇرئان كەرىم> ئورنىغا قويىدۇ، دېدى. ھۆكۈمەت 7184 - يىلى بابنى قولغا ئېلىپ، 1850 - يىلى ئېتىۋەتتى. ئۇنىڭ مۇرىدلىرى ھۈسەين بۇشرۇيە ۋە مۇھەممەد ئەلى بار فۇرۇش قاتارلىق كىشىلەرنىڭ رەھبەرلىكىدە 1848 - يىلىدىن 2185 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا مازانداران، زەنجان ۋە نەيرىز قاتارلىق جايلاردا قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، بابىيە ئەقىدىسىنى تەرغىب قىلىپ، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، مال - مۈلۈككە جامائەت ئىگىدارچىلىق قىلىشنى، شەرىئەت يېڭى تۈزۈمگە ۋە يېڭى قانۇنغا ئورۇن بېرىش كېرەكلىكىنى جاكارلىدى. كەڭ دېھقانلار، كاسىپلار، شەھەر كەمبەغەللىرى ۋە سودىگەرلەر قىزغىن ئاۋاز قوشتى. ھۆكۈمران سىنىپنىڭ رەھىمسىزلارچە قىرغىن قىلىشى بىلەن نۇرغۇن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى. 1852 - يىلى بۇ مەزھەپنىڭ ئادەملىرى پادىشاھنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ باشقا ئېلىپ چىقالمىغانلىقتىن، تېخىمۇ چوڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. ھايات قالغانلىرى پرسىيىدىن قېچىپ كەتتى. كېيىن بۆلۈنۈپ كېتىپ، بىر تەرەپ ھۈسەين ئەلى (1817 - 1892، بەھا ئەللاھمۇ دېيىلىدۇ) نىڭ رەھبەرلىكىدە قوراللىق قوزغىلاڭغا قارشى تۇرۇپ، بەھائىيە مەزھىپى، قۇرۇپ، مۇستەقىل يېڭى دىن بولۇپ شەكىللىنىپ، پرسىيىنىڭ سىرتىدا تارقالدى.