Uyghurئاساسىي لۇغەت
بابىلون
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى غەربىي ئاسىيادىكى مىسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر. قەدىمكى بابىلون پادىشاھلىقى ۋە يېڭى بابىلون پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى. ئورنى ئېفرات دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدا بولۇپ، بۈگۈنكى ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادنىڭ جەنۇبغا تەخمىنەن 89 كىلومېتىر كېلىدىغان ھىللادلار تىلىدا <ئەۋلىيالار ئىشىكى> دېگەنلىك بولىدۇ. مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتتا قۇرۇلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅨ ئەسىردە ئامورىلار بۇ يەردە دۆلەت قۇرغان بولۇپ، تارىختا قەدىمكى بابىلون پادىشاھلىقى ياكى بابىلون ئىككىنچى خاندانلىقى دېيىلگەن (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 1894 - 1595). كېيىن كاسسىتلار بىلەن ئاسسۇرىيلار ئىگىلىۋالغان، تەخمىنەن مىلادىدىن 689 يىل ئىلگىرى ئاسسۇرى پادىشاھى سېنناخېرىپ ۋەيران قىلىۋەتكەن. كېيىن قايتىدىن قۇرۇلۇپ، يېڭى بابىلون پادىشاھىلىقنىڭ (مىلادىدىن ئىلگىرى 626 - 538) پايتەختى بولغان. ھوڭقۇر خەندەك، ئېگىز سېپىل، ھەشىمەتلىك ئوردا، <باغ مۇئەللەق> (مىلادىدىن بىرى بولۇپ قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئارقا - ئارقىدىن پېرسىيە، ماكېدونىيە، سېلېئوكىد قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بېقىندىسى بولۇپ قالغان. بابىلون قەدىمكى زاماندا ئۇزۇن زامان غەربىي ئاسىيانىڭ مۇھىم سىياسىي، سودا ۋە مەدەنىيەتنىڭ مەركىزى بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ئاستا - ئاستا خارابلاشقان، مىلادى Ⅱ ئەسىرلەرگە كەلگەندە خارابىيلىققا ئايلانغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئارخېئولوگلار بۇ يەرنى قېزىپ، كۆپ مىقداردا خارابە ۋە قالدۇق بۇيۇملارنى تېپىپ، غەربىي ئاسىيانىڭ قەدىمكى تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن. <بابىلون پادىشاھلىقى> غا قارالسۇن.