UyghurMain Dictionary
ئۆسۈملۈكلەر تاكسونومىيىسى
Domain: بىئولوگىيەئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات دەرىجىسى ۋە مورفولوگىيە، تۈزۈلۈش، فىزىئولوگىيە، بىئوخىمىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ئوخشىماسىقىغا ئاساسەن، ئۆسۈملۈكلەرنى تىپ ۋە تۈرلەرگە ئايرىپ سىستېمىلاشتۇرىدىغان پەن. ئۇ ئۆسۈملۈكلەر مورفولوگىيىسى، ئۆسۈملۈكلەر ئاناتومىيىسى، ئۆسۈملۈكلەر ئېمبرىئولوگىيىسى، ئۆسۈملۈكلەر جۇغراپىيىسى، ئۆسۈملۈكلەر ئېكولوگىيىسى، سىتولوگىيە، گېنېتىكا، بىئوخىمىيە، پائىئونتولوگىيە قاتارلىق پەنلەر بىلەن ئۆز ئارا زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگە. ھازىرقى زامان ئۆسۈملۈكلەر تاكسونومىيىسى مۇشۇ پەننىي بىلىملەرگە تايىنىپ، بىر تەرەپتىن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈشى ۋە فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكىنى ئومۇملاشتۇرۇپ چوڭقۇر تەتقىقات ئېىپ بېرىپ، ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش ئەھۋالى ھەمدە ئۆسۈملۈكلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىق مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەكىس ئەتتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن يۇقىرىقى ھەر قايسى پەنلەرنىڭ تەرەققىياتى ئاساسىدا، ئۆسۈملۈكلەر مەنبەسىنى ئېچىش ۋە پايدىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھۇم رول ئوينىماقتا.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.