UyghurMain Dictionary
ئۆسۈملۈكلەر مورفولوگىيىسى
Domain: بىئولوگىيەئۆسۈملۈكلەر ھەمدە ئۆسۈملۈك ئورگانلىرىنىڭ يەككە يېتىلىش ۋە سىستېمىلىق يېتىلىش جەريانىدىكى سىرتقى قىسىمنىڭ مورفولوگىيىلىك شەكلى، كۆپ خىللىقى، مورفولوگىيىلىك شەكلىنىڭ ھاسىل بولۇش قانۇنىيىتى، ھەمدە مورفولوگىيىلىك شەكىل بىلەن ئەتراپتىكى مۇھىتنڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇ بوتانىكىنىڭ باشقا تارماق پەنلىرى (مەسىلەن، ئۆسۈملۈكلەر تاكسونومىيىسى، ئۆسۈملۈكلەر فىزىئولوگىيىسى، ئۆسۈملۈكلەر ئېكولوگىيىسى، ئۆسۈملۈكلەر ئىرسىيىتى قاتارلىقلار) نىڭ ئاساسى، ئۇ تەتقىق قىلىش ئوبيېكتى ۋە ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن، سپورىلىق ئۆسۈملۈكلەر مورفولوگىيىسى، ئۇزۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر مورفولوگىيىسى، سېلىشتۇرما مورفولوگىيە ۋە تەجرىبە مورفولوگىيىسى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.