UyghurMain Dictionary
ئۆسۈملۈكلەر جۇغراپىيىسى
بىئولوگىيە
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يەر شارى يۈزىگە تارقىلىش قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇ تۈر ياكى تۈر توپىنىڭ تارقىلىشىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىدۇ. تۈر ياكى تۈر توپىنىڭ يەر شارىدىكى ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى تارقىلىشى ھەمدە ئۇنىڭ قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدۇ، ھەمدە سەۋەبى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۆسۈملۈكلەر رايونى سىستېمىسىنى تەكشۈرىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئۆسۈملۈكلەر مەنبەسىنى ئېچىپ پايدىلىنىش، يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ئەمەلىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زىچ.