UyghurMain Dictionary
ئەركىن كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى
Domain: دۇنيا تارىخى<گېرمانىيە ئىمپېرىيە پارتىيىسى> دەپمۇ ئاتىلدۇ. گېرمانىيىدىكى يونكېر پومشچىكلار ۋە چوڭ بۇرژۇئازىيىنىڭ پارتىيىسى. 1866-يىلى پروسىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىدىن بۆلۈنۈپ چىققان مۆتىدىلچىلەر قۇرغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ باشلىرى بىسمارك قوزغىغان مەدەنىيەت كۈرىشىگە ئىشتراك قىلغان، 1878-يىلى يەنە بىسماركنىڭ <سوتسىيالىستلارغا قارشى پەۋقۇلئاددە قانۇن> نى ھەمدە قوغدىنىش بېجى سىياسىتىنى پائال ھىمايە قىلىپ ۋە قوللاپ، گېرمانىيە پارالامېنتىدىكى سىياسىي تەسىر ئەڭ زور بولغان ئەكسىيەتچىل پارتىيە - گۇرۇھنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى جاھانگىرلىك مۇستەملىكە كېڭەيمىچىك سىياسىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويغان. 1918-يىلى گېرمانىيە نويابىر ئىنقىلابىدىن كېيىن پارچىلىنىپ كەتكەن. كۆپ قىسىم ئەزالىرى گېرمانىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى بىلەن بىرلىشىپ گېرمانىيە مىللىي خەلق پارتىيىسى بولغان
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.