UyghurMain Dictionary
ئەركىنلىك باراۋەرلىك جەمئىيىتى
دۇنيا تارىخى
17 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى ۋېنگرىيە بۇرژۇئا دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت ھەرىكىتى قۇرغان مەخپىي تەشكىلات. 1794-يىلى قۇرۇلغان. ئاساسلىق ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى زىيالىيلار، تۆۋەن قاتلامدىكى راھىبلار ۋە دېھقانلاردىن ئىبارەت. پائالىيەت مەركىزى پېست. ۋېنگرىيىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بۇرژۇئا دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت قۇرۇش، قانۇنىي باراۋەرلىك ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان. كىتاب - ژۇرناللارنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە مەخپىي ساقچىنى تارقىتىۋېتىش؛ فرانسىيىگە قاراتقان قورالىق مۇداخىلىنى توختىتىش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلغان. كەڭ ئاممىنىڭ قوللىشى بولمىغاچقا، 1795-يىلى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، كۆپلىگەن ئەزالىرى ئۆمۈر بويى تۈرمىگە قامالغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن.