UyghurMain Dictionary
ئەركىنلىك ئوغلانلىرى جەمئىيىتى
Domain: دۇنيا تارىخى(1) 1765-يىلى ئامېرىكىنىڭ مۇستەملىكە دەۋرىدىكى خەلقىنىڭ ئەنگلىيە ئېلان قىلغان <ماركا بېجى قانۇنى> غا قارشىلىق كۆرسىتىش يۈزىسىدىن مەخپىي تەشكىلات نامى ئەنگلىيىلىك سىياسىئون ئىساك باررې (1802 - 1726) نىڭ پارالامېنتتىكى نۇتقىدىن كەلگەن. قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى سودا - سانائەت ئەمگەككچىلىرى ۋە بۇرژۇئا زىيالىيلىرىدىن ئىبارەت. ئاساسىي رەھبەرلىرى لام (1735 - 1800)، ئادامىس (1722 - 1803) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. مەزكۇر تەشكىلات تەشۋىقات - تەرغىبات ئېلىپ بېرىپ، ئەنگلىيە مېتىروپولىيىسىنىڭ شىمالىي ئامېرىكا مۇستەملىكلىرىگە قارىتا ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشى ۋە ئېزىشىگە قارشى تۇرۇپ، ماركا بېجى تالونلىرىنى كۆيدۈرۈپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكە ئەمەلدارلىرىنى جازالاپ، مۇستەملىكە خەلقلىرىنىڭ مۇستەقىللىك ئىشلىرىدا بەلگىلىك رول ئوينىغان. (2) ئامېرىكىنىڭ 1864-يىلىدىكى جەنۇب - شىمال ئۇرۇشى مەزگىلىدە غەربىي شىمال رايونىدىكى كوپېرخاد قۇرغان مەخپىي ئەكسىيەتچىل تەشكىلات. ئۇنىڭ تەكتى ئامېرىكا رىتسارلار پولكى بولۇپ، قوشما شتاتلار ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبتىكى ئىتتىپاقداشلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشىغا قارشى تۇرۇپ، قۇللۇق تۈزۈمنى قوللىغان ھەمدە سۇيىقەستلىك بۇزغۇنچىىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.