UyghurMain Dictionary
ئەركىن رەت قىلىش ھوقۇقى
دۇنيا تارىخى
1652 - 1791-يىللىرى پولشا پارلامېنتى يولغا قويغان بىر خىل ئاۋازغا قويۇش تۈزۈمى. بۇنىڭدا پارلامېنتنىڭ ھەرقانداق تەكلپ لايىھىسى ۋە قانۇنى جەزمەن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىردەك ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەندىلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ، پەقەت بىر ئادەم قارشى تۇرسىمۇ رەت قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇڭا بۇ تۈزۈم دائىم ئاقسۆڭەك، بايلار تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلگەن، شۇ سەۋەبتىن پارلامېنت دائىم دېگۈدەك پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان.