UyghurMain Dictionary
ئەر
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئادەم، كىشى؛ ئەر، ئەركەك باتۇر، قورقماس، پالۋان.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئەگەر(ئەگەرنىڭ قىسقارغىنى).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىنساننىڭ ئىككى خىل جىنسىنىڭ بىرى، ئايال جىنسنىڭ قارشىسى، بەدىنىدە ئاتىلىق ئۇرۇق ھۈجەيرىسى يېتىشتۈردىغىنى
«ئەركەك» يەنە ھايۋانلارغىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
ئەر كىشى. ئەرخەق. بىر سۆز بىلەن ئەر ئۆلمەس. ئەرنىڭ دۈشمىنى ئەركە خوتۇن. ھەقىقىي ئەركەكنىڭ چۇلۋۇرى بىلەن تىزگىنى ئۆز قولىدا. ئەركەك قوي، ئەركەك موزاي. ئەرەن كۆركى ئەقىل.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قاۋۇل ۋە قەيسەر ئەر كىشى.
«خوخەنزە» خەنزۇچە: 好汉子
ئەردىن ئەرگە نەپ. ئەرنىڭ ئىچىگە ئالەم پاتىدۇ. ئەل بار يەردە ئەر بار. ئەل ئۈمىدىنى ئەر ئاقلار، ئەر داڭقىنى ئەل ساقلار. ئەزىمەت ئەمگەك ئۈچۈن تۇغۇلىدۇ. ئەزىمەتنىڭ سۆزى _ پولاتنىڭ ئۆزى. ئوغۇل بالا ئوغا يەپ سىڭدۈرىدۇ. يىگىت سۆزىدىن قايتماس، يولۋاس ئىزىدىن. تۇتۇنسىز ئوت يوق، نۇقسانسىز يىگىت. يامۇلنىڭ ياغاچلىرى ئېگىز قارىغاي چەنزە، يامۇلدىن قېچىپ چىققان سادىر ئۆزى خوخەنزە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پىكىرلەش، سۆزلەرش، ئەسۋاب - سايمان ياساپ ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ھايۋانات.
«كىشى» ئومۇمىي ۋە كەڭ قوللىنىلىدۇ. كۆپىنچە «ئەر» مەنىسىنى بېرىدۇ «ئايال، بالا» ئايرىم ھالدا «كىشى» دېيىلمەيدۇ.
«ئادەم» ئاقىل ۋە بالىغ بولغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ.
«ئىنسان» جىد
كىشى ئەڭ ئۇلۇغ، ئۇ ئازاد، ئەركىن بولۇش كېرەك. كىشى بىلمىسۇن دېسەڭ، قىلما. ئادەم ئەلەيھىسسالام. دانىشمەن بولۇشتىن ئادەم بولۇش تەس. ئادەم تىلىدىن كېتەر، ھايۋان مۈڭگۈزىدىن. ئادەمگە ئەقىل كېرەك، پاتقاققا شېغىل. ئادەمنى نومۇس ئۆلتۈرەر، توشقاننى قومۇش. زەنجىرنىڭ ئاخىرقى ھالقىسى ئىنسان، ئۇ - ئاچقۇچ، قۇلۇپنى ئاچىدۇ ئاسان.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
خەۋپ - خەتەر، قىيىنچىلىق - ئېغىرچىلىقتىن قورقمايدىغان، ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان.
قورققاق، قورقۇنچاق، توخۇ يۈرەك
ھەممە نېمىدىن قورقىدىغان.
باتۇر چۈشىدە دۈشمەن كۆرەر. باتۇرنى مەيداندا سىنا، سۆزمەننى دەۋادا. يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر. ئۆز بۇرچىنى ئورۇنلاۋاتقاندا جېنىنى ئايىمىغان ھەقىقىي قەھرىمان. سۇ كېچىكىدىن ئۆتكەن ئەر ئەمەس، قان كېچىكىدىن ئۆتكەن ئەر. قورقماستىن تاغ قېچىپ قۇتۇلالماس. ئەندىشىنىڭ ئېتى قورققاق. قورقۇنچاقتا نومۇس يوق. كۆز قورققاق، قول باتۇر. توخۇ يۈرەك قورقۇپ ئۆلىدۇ. قورققاقنىڭ تۇمىقى بولغۇچە، قورقماسنىڭ چومىقى بول. قىيىنچىلىق قورقۇنچاقنىڭ يۈكى، باتۇر ئۈچۈن توخۇنىڭ تۈكى.
شىۋىلەر
كۆچمە: باتۇر، قەھرىمان؛ مەرت.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئەر، ئەركەك، ئادەم.
بۇ سۆز كۆپلۈكتە « ئەرئەن» شەكلىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. لېكىن مۇنداق قىلىش قائىدىگە ئۇيغۇن ئەمەس، چۈنكى كۆپلۈك قوشۇمچىسى «لار لار ياكى لەر» دۇر.
1 - 50
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۆشۈك تېشىدىغان ئۈشكە.
1 - 63
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يەر.
بەزى شىۋىلەردە « يەر» مۇ دېيىلىدۇ.
1 - 63
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ھەمراھ، دوست
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئەپەندى؛ شاھزادە؛ باي ؛ ئەر، ئېرى؛ ئەركەك، ئەر كىشى؛
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەركەك جىنىسقا مەنسۇپ كىشى؛ ئەركەك.
ئەر كىشى. ئەر خەق.
بىر سۆز بىلەن ئەر ئۆلمەس (ماقال).
خوتۇن كىشى بىلەن نىكاھ ئەھدىدە بولغان ئەر كىشى (ئۆز خوتۇنىغا نىسبەتەن).
بالاڭ ئۆلسە ئەرگە باق، ئېرىڭ ئۆلسە يەرگە باق (ماقال).
ئەر قەيەردە بولسا، خوتۇن شۇ يەردە (ماقال).
مەرد يىگىت، ئالىيجاناب، جەسۇر كىشى.
ئەل بار يەردە ئەر بار (ماقال).
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەركەك، چۇس، چەبدەس.