UyghurMain Dictionary
ئەنگلىيە گېرمانىيە خىتابنامىسى
دۇنيا تارىخى
«ئەنگلىيە - گېرمانىيە خىتابنامىسى»<ميۇنخېن كېلىشىمى> ئىمزالانغاندىن كېيىن گىتلېر بىلەن چېمپبېرلېن ئېلان قىلغان بىرلەشمە خىتابنامە. چېمبېرلېن تەييارلىغان. 1938-يىل 30-كۈنى ميۇنخېندا ئېلان قىلىنغان. خىتابنامىدە ئەنگلىيە گېرمانىيە ئىككى تەرەپ <ميۇنخېن كېلىشىمى> ۋە <ئەنگلىيە - گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسى كېلىشىمى> نى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مەڭگۈ ئۇرۇش بولماسلىقنىڭ <سىمۋولى> دەپ قارايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك بارلىق باشقا مەسىلىلەرنى مەسلىھەتلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بەل باغلىغان. خىتابنامە ئەنگلىيە بىلەن گېرمانىيە ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق توغرىسىدىكى كېلىشىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چېمپبېرلېن شۇ مۇناسىۋەت بىلەن <بىز بىر ئەۋلادلار تىنچىلىقتىن بەھرىمەن بولىدىغان يېڭى ئەسىر يېتىپ كەلدى> دېگەن. خىتابنامە فاشىست گېرمانىيىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا تەييارلىق قىلىش ئەپت - بەشىرىسىنى يوشۇرۇپ، چېمبېرلېن ھۆكۈمىتىنىڭ مادارچىىلق سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئىككىنچى يىلى 3-ئايدا گېرمانىيە <ميۇنخېن كېلىشىمى> نى يىرتىپ تاشلاپ، پۈتۈن چېخوسلۇۋاكىيىنى بېسىۋالغان. خىتابنامىنىڭ قۇرۇق نامىلا قېپقالغان.