UyghurMain Dictionary
ئەنگلىيە فرانسىيە ئىتتىپاق ھەمكارلىق شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
<ديۇنكېرك ئىتتىپاق شەرتنامىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە فرانسىيىنىڭ ديۇنكېرك دېگەن يېرىدە ئىمزالىغان ئىككى تەرەپ كېلىشىمى. 1947-يىلى 1-ئايدا فرانسىيە زۇڭلىسى بليۇم لوندوننى زىيارەت قىلىپ، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ئەتتلى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت ئاخباراتىدا، گېرمانىيىنىڭ قايتا تاجاۋۇزچىلىق قوزغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، ئىككى دۆلەت ئىتتىپاق شەرتنامىسى تۈزۈشنى قارار قىلغانلىقى جاكارلانغان. شۇ يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئەنگلىيە - فرانسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بېۋىن بىلەن بىدو بۇ شەرتنامىنى رەسمىي ئىمزالىغان، 9-ئاينىڭ 8-كۈنى كۈچكە ئىگە بولغان. شەرتنامىدە شەرتنامە تۈزۈشكە ئىككى تەرەپتىن ناۋادا بىر تەرەپ <گېرمانىيە بىلەن ھەربىي ھەرىكەتكە كىرىپ قالغان> چاغدا، يەنە بىر تەرەپ بارلىق ھەربىي كۈچى ۋە باشقا ۋاستىلەر بىلەن ياردەم بېرىدۇ؛ ئىككى دۆلەت گېرمانىيىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغاندا، ئورتاق ھەرىكەت قوللىنىپ ئۇنى چەكلەيدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىككى دۆلەت بىر تەرەپنى دۈشمەن دەپ ھېسابلايدىغان قارشى تەرەپ بىلەن شەرتنامە ئىمزالاشقا بولمايدۇ ھەم بىر تەرەپنى دۈشمەن دەپ قارايدىغان ئىتتىپاققا قاتنىشىشقا بولمايدۇ، بىر - بىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى گۈللىنىشىنى ئالغا سۈرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. شەرتنامىنىڭ مۇددىتى 50 يىل قىلىنغان بولسىمۇ، كېيىن ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولماي قالغان.