UyghurMain Dictionary
ئەنگلىيە مىسىر ئىتتىپاق شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
1936-يىل 8-ئاينىڭ 26-كۈنى ئەنگلىيە ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن مىسىر ھۆكۈمىتىنى مەجبۇرلاپ ئىمزالىغان شەرتنامە. شەرتنامىدە ئەنگلىيە بىلەن مىسىر <ئىتتىپاق> تۈزىدۇ، مۇددىتى 20 يىل بولىدۇ؛ ئەنگلىيە مىسىرغا قاراتقان ھەربىي ئىشغالىيىتىنى توختىتىدۇ، لېكىن 10 مىڭ كىشىلىك قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ۋە 400 كىشىلىك ھاۋا ئارمىيىسىنى سۈۋەيش قانىلى رايونىدا تۇرغۇزۇىدۇ، ئىسكەندرىيە پورتىنى سەككىز يىلغىچە ئەنگلىيىنىڭ دېڭىز ئارمىيە بازىسى قىلىپ ساقلاپ قالىدۇ، ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيىسىدە مىسىرنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىدە ئۇچۇش ھوقۇقى بولىدۇ؛ ئەنگلىيە ھەربىي ۋەكىللەر ھۆكۈمىتى تەيىنلىگەن باش ۋالىي ئارقىلىق باشقۇرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. سودان نامدا <ئورتاق باشقۇرۇلغان> بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئەنگلىيە تەنھا بېسىۋالغان مۇستەملىكە ئىدى. 1924-يىلى ئەنگلىيە تەرەپ كېلىشىمنى بىكار قىلىپ، سودانغا بىۋاسىتە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1936-يىلى <ئەنگلىيە - مىسىر ئىتتىپاق شەرتنامىسى> ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1951-يىلى 10-ئايدا مىسىر بۇ شەرتنامىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان.