UyghurMain Dictionary
ئەنگلىيە گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسى كېلىشىمى
دۇنيا تارىخى
«ئەنگلىيە - گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسى كېلىشىمى»تولۇق ئاتىلىشى <ئەنگلىيە بىلەن گېرمانىيىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسى ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى چەكلەش توغرىسىدا ئالماشتۇرغان ھۆججەت>. 1935-يىل 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەنگلىيە بىلەن گېرمانىيە لوندوندا ئىمزالىغان. شۇ كۈنى كۈچكە ئىگە بولغان. ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: گېرمانىيە ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ ئومۇمىي تونناژى ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسى ئومۇمىي تونناۋىنىڭ 35 پىرسنەتىدىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك؛ گېرمانىيىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتى ئەنگلىيىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتى ئومۇمىي تونناژىنىڭ 45 پىرسەنتىدىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك؛ گېمرانىيىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ سانىنى بۇ نىسبەتتىن ئاشۇرماقچى بولسا، ئاۋۋال ئەنگلىيىگە ئۇقتۇرۇشى كېرەك. كېكىشىم شەكىل جەھەتتە گېرمانىيىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسىنى بىر ئاز چچەلىگەن، ئەمەلىيەتتە بولسا گېرمانىيىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسىنى بىرئاز چەكلىگەن، ئەمەلىيەتتە بولسا گېرمانىيىنىڭ دېڭىز ئارميىسىنى ھەدەپ كېڭەيتىشنى قانۇنىيلاشتۇرغان. بۇ ئەنگلىيىنىڭ، گېرمانىيىنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارن كېڭەيتىپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشىغا يول قويۇشتىكى مۇھىم ئىپادىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1939-يىل 4-ئاينىڭ 28-كۈنى، گېرمانىيە، ئەنگلىيە بىلەن پولشانىڭ <گېرمانىيىنى مۇھاسىرىگە ئېلىش يڭېى سىياسىتى> نى يولغا قويغانلىقىنى باھانا قىلىپ، <ئەنگلىيە - گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيە كېلىشىمى> نى بىكار قىلغانىقىنى جاكارلىغان.