UyghurMain Dictionary
ئىبنى خەللىكان
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(شەمسىددىن ئەھمەد ئىبنى خەللىكان، 1211 - 1282) ئىسلام تارىخچىسى. بەرمەق جەمەتىدىن ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاربېلادا دۇنياغا كەلگەن. ھەلەب، دەمەشىق، قاھىرەدە ئىلمىي تەۋھىد ئوقۇدى. سۈرىيىدەقازى قۇزات بولدى. 1256 - يىلىدىن 1274 - يىلىغىچە <ۋەفەياتۇل ئەئيان ۋە ئەنبانتۇ> (مەشھۇر كىشىلەرنىڭ تەرجىمىھالى) نى يېزىپ، ئىسلام تارىخىدىكى 865 ئادەمنى خاتىرىگە ئالدى. ئەسەر ئىنچىكە ۋە چىنلىق بىلەن توغرا، پۇختا يېزىلغانلىقتىن ئەڭ ياخشى تەرجىمھاللار توپلىمى، ئەرەبچە مىللىي تەرجىمىھال يېزىلغان تۇنجى قامۇس، دەپ تەرىپلەندى.