UyghurMain Dictionary
ئىبنى بەتۇنە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1304 - 1368) ئەرەب ساياھەتچىسى. ماراكەشنىڭ دەنگىر دېگەن يېرىدىكى قازى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 21 يېشىدا ساياھەت قىلىشنى باشلىدى. ئىلگىرى - كېيىن ئۈچ قېتىم 120 مىڭ كىلومېتىر يول يۈرۈپ، ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ئىسپانىيىنى ئايلىنىپ چىقتى. 1346 - يىلىدىن 1349 - يىلىغىچە ھىندىستان سۇلتانىنىڭ ئەلچىسى سۈپىتى بىلەن جۇڭگوغا كېلىپ، دېڭىز يولى بىلەن چۇەنچۇ، گۇاڭجۇ، خاڭجۇ، ھەتتا بېيجىڭغىچە باردى. سەپىرىدە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى 1635 - يىلى كىتاب قىلىپ يېزىپ، كىتاب ئىسمىنى <ئىبنى بەتۇنەنىڭ ساياھەت خاتىرىسى> دەپ ئاتىدى. كىتابقا جايلاردىكى كىشىلەر ئانچە بىلمەيدىغان قىممەتلىك ماتېرىياللار كىرگۈزۈلدى. بۇ كىتاب ناھايىتى يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە.