UyghurMain Dictionary
ئىبنى باججە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(ئەبۇ بەكرى مۇھەممەد بىننى يەھيا ئىبنى باججە، 1095 - 1138) ئىسلام پەيلاسوپى. لاتىنچە ئىسمى ئاۋېمپاس. ئەجداتى يەھۇدىي. ئىسپانىيىدىكى ساراگوسادا دۇنياغا كەلگەن. ياش ۋاقتىدا دوختۇر بولۇپ داڭق چىقاردى. ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە ۋە مۇزىكىنى ياخشى ئۆگەندى. مۇرابىت سۇلالىسىدا ئەمەلدار بولدى. بىر مەھەل نەزەربەنت قىلىندى. قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، شىمالىي ئافرىقىغا باردى. 1118 - يىلدىن كېيىن پەلسەپە تەتقىقاتى ۋە ئارىستوتېل ئەسەرلىرىگە ئىزاھات يېزىش بىلەن شۇغۇللاندى. ئاخىر فىزدا باشقىلار تەرىپىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى. ئۇ يازغان <يالغۇز تۇرغۇچىنىڭ ھاياتلىق ئۇسۇلى> ناملىق ئەسەردە ئىنساننىڭ ئەقلىي ۋە تەپەككۇرى چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، كېيىنكى پەيلاسوپلارغا چوڭ ئىلھام بەردى. ئىبنى باججە ئىسپانىيىدىكى ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ باشلامچىسى، دەپ ھۆرمەتلەندى.