UyghurMain Dictionary
ئىبنى روشىد
دۇنيا تارىخى
(1126 - 1198) ئەرەب پەيلاسوپى، تىبابەتچىلىك ئالىمى. ياۋرۇپالىقلار ئاۋېرروئې دەپ ئاتايدۇ. ئىسپانىيەنىڭ كوردوۋا دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. سىۋىلىيە ۋە كوردوۋادا قانۇن ئەمەلدارى بولغان. 1882 - يىلى، مۇۋاھىد خاندانلىقى پادىشاھىنىڭ دوختۇرى بولغان. 1994 - يىلى، بىدئەت دەپ گۇمانلىنىپ سۈرگۈن قىلىنغان. ماراكەشتە ئۆلگەن. ئەقىلچىلىك تەرەپدارى پەيلاسوپى بولۇپ ئەل غەززالىنىڭ <پەيلاسوپلارنىڭ زىددىيىتى> دېگەن كىتابىدىكى ئەقىلچىلىككە قىلىنغان ھۇجۇمنى كۆزدە تۇتۇپ <زىددىيەتنىڭ زىددىيىتى> نى يېزىپ ئۇنىڭغا رەددىيە بەرگەن. ئاللاھ ۋەھىسىدىن باشقا جىمىكى نەرسە ئاقىلنىڭ ھۆكۈمىگە بويسۇنۇشى كېرەك، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. شەخس روھى ئۆلمەيدۇ دېگەننى ئىنكار قىلىپ، ماددا ۋە ھەرىكەتنىڭ ئەبەدىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغنالىقىنى ئېتىراپ قىلغان. <ئىككى ياقلىما ھەقىقەت> نەزەرىيىسىنى تەرغىپ قىلىپ، ئىلىم - پەن ھەقىقىتى بىلەن دىن ھەقىقىتىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ھەقىقەت مەۋجۇت، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ بار، ئىلىم - پەن ھەقىقىتىدە ھەقىقەت دەپ قارالغان نەرسە، ئىلاھىيەت نۇقتىئىنەزەرىدە خاتا بولۇشى مۇمكىن، ئەكسىچە بولغاندىمۇ شۇنداق بولىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ خىل نۇقىئىنەزەر ئىلىم - پەننى مەلۇم دەرىجىدە دىنىي ئىلاھىيەنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، نىسپىي مۇستەقىل ئەركىنلىككە ئىگە قىلغان. پۈتۈن ھاياتىنى ئارىستوتىلنىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىش، سېلىشتۇرۇش ۋە ئىزاھلاشقا سەرپ قىلغان. ئۇنىڭ شەرھلىرى لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، غەربكە كىرگەندىن كېيىن، غەربىي ياۋرۇپا مەدرىس پەلسەپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، ئارىستوتىل تەلىماتلىرىنى ئىزاھلاش بويىچە ئەڭ نوپۇزلۇق ئىزاھلىغۇچى دەپ قارالغان. ⅩⅥ ئەسىردىن ئىلگىرىكى ئەسەرلىرى كاتولىك چېركاۋى تەرىپىدىن قىسقارتىلىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ياۋروپادىكى باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ دەرسلىك كىتابى قىلىنىپ كەڭ تارقىتىلغان. <تىبابەتچىلىكنىڭ ئومۇمىي قائىدە قانۇنلىرى> دېگەن تىبابەتچىلىك ئەسىرىمۇ بار.