UyghurMain Dictionary
ئاۋگسبۇرگ ئېتىقاد پروگراممىسى
Domain: دۇنيا تارىخىپروتېستانت دىنى لۇتېر مەزھىپىنىڭ ئېتىقاد پروگراممىسى. لۇتېر ئۆزىنىڭ يېقىن ئادىمى مېخلانختونغا يازدۇرغان. 1530-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى چارلىس Ⅴ ئاۋگسبۇرگتا ئاچقان ئىمپىرىيە كېڭىشىگە تاپشۇرۇلغان. ئېتىقاد پروگراممىسىدا شەھەر ئاھالىسى سىنىپىنىڭ <پاك چېركاۋ> قۇرۇش تەلىپى بويىچە، لۇتېر مەزھىپىنىڭ دىنىي مۇراسىملىرىنى بېكىتكەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ دەھرىي ھۆكۈمرانلارغا بېقىنىش پرىنسىپلىرىنى بەلگىلىگەن. ئېتىقاد پروگراممىسى شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، 1524-1525-يىللاردىكى گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشىنىڭ تەسىرى نەتىجىسىدە، لۇتېر بەگلەر تەرەپكە ئېغىپ، لۇتېر مەزھىپى بەگلەرنىڭ قورالىغا ئايلىنىپ كەتكەن.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.