UyghurMain Dictionary
ئاۋستىرىيە بىرىنچى جۇمھۇرىيىتى
دۇنيا تارىخى
ئاۋستىرىيەدە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان بۇرژۇئا جۇمھۇرىيىتى. 1819-يىلى ئاۋستىرىيە ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، مەملىكەت ئىچىدىكى خەلق ئىنقىلاپ قوزغاپ، خابسبۇرگ سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. 1918-يىل 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاۋستىرىيە ۋاقىتلىق پارلامىنتى <گېرمانئاۋستىرىيە جۇمھۇرىيىتى>نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 1919-يىلى 3-ئايدا پارلامېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلىپ، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن خرىستىئان سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئوڭ قانات داھىيىسى كارل رېننېر دۆلەت ئىشلىرى زۇڭلىسى بولغان. 1919-يىلى 9-ئايدا <مۇقەددەس گېرمان سۈلھ شەرتنامىسى>گە ئاساسەن، نامى <ئاۋستىرىيە جۇمھۇرىيىتى>گە ئۆزگەرتىلگەن. فاشىستلار گېرمانىيىسى 1938-يىلى 3-ئايدا ئاۋستىرىيىنى يوتۇۋالغاندا، جۇمھۇرىيەت مۇنقەرز بولغان.