UyghurMain Dictionary
ئاۋلارد
دۇنيا تارىخى
(1849-1928)، فرانسىيە تارىخشۇناسى، فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلاب تارىخىنىڭ مۇتەخەسسىسى. ياش ۋاقتىدا نىتسې قاتارلىق جايلاردا ئەدەبىيات تارىخىدىن دەرس بەرگەن، كېيىن تارىخنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن. <ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى، قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى، مىللىي ئۇيۇشمىدىكى ناتىق>دېگەن كىتابى بىلەن داڭق چىقارغان. 1886-1922-يىللاردا پارىژ داشۆسىنىڭ فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلاپ تارىخى لېكسىيىسىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلاپ تارىخىي تەتقىقات جەمئىيىتىگە رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە بۇ جەمئىيەتنىڭ ئىلمىي ژۇرنىلى <فرانسىيە ئىنقىلابى> نىڭ باش تەھرىرى بولغان. سىياسىي جەھەتتە جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە رادىكال دېموكراتلارغا يېقىنلىشىپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى قوغدىغان. ئۇ <فرانسىيە ئىنقىلابى تارىخشۇناسى تائىنې> دېگەن ئەسىرىدە، تائىنېنىڭ فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىغا ئائىت ماتېرىياللارنى توپلاش ۋە نەشر قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۈيۈك ئىنقىلاب مەزگىلىدىكى سىياسىي تارىخى، تۈزۈم تارىخى، ئىدىيە تارىخى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلغان. ئاساسىي ئەسىرى <فرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ سىياسىي تارىخى> بولۇپ، يەنە <ياكوېن كوبى ھۆججەتلىرىنىڭ خاتىرىسى>، <جامائەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى ھۆججەتلىرىنىڭ توپلىمى> قاتارلىق تارىخىي ماتېرىياللار توپلاملىرىنى تۈزگەن.