UyghurMain Dictionary
ئال
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئالماق، ئېلىش. 1 . قول بىلەن ياكى ئەسۋاب بىلەن تۇتۇپ، ئۆز ئىلكىگە ئالماق. ئانتونىمى: بەرمەك.
كەتمەننى ئالماق، يانچۇقىدىن پۇل ئالماق، مائاش ئالماق. * ئالغۇچە بىسمىللا، بەرگۈچە ئەستاغپۇرۇللا (ماقال).
2 . قوبۇل قىلماق. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماق، باج ئالماق، پىكىر ئالماق.
3 . سېتىۋالماق، پۇل بېرىپ ئالماشتۇرماق. بېلەت ئالماق، بۇ ئۆتۈكنى قانچىغا ئالدىڭىز؟
4 . تۇتماق، قولغا كىرگۈزمەك، قارمىماق. ئەسىر ئالماق، جىنايەتچىنى قولغا ئالماق. * قارچىغاتوشقان ئالدى. * ياقىدىن ئالماق، قۇلاقتىن ئالماق. * ئىت پاچاقتىن ئالىدۇ.
5 . ئۆيلەنمەك. خوتۇن ئالماق. * ئات ئالساڭ ئاي كېڭەش، خوتۇن ئالساڭ يىل كېڭەش (ماقال).
6 . قىرقىپ، كېسىپ، چۈشۈرۈپ تاشلىماق. چاچ ئالماق، ساقال ئالماق، تىرناق ئالماق.
7 . ئىگە بولماق، قازانماق، ئېرىشمەك. خامان ئالماق، ھوسۇل ئالماق، نام ئالماق، شەھەر ئالماق. * ئورۇن ئالماق، جاۋاب ئالماق، دېرىكىنى ئالماق.
8 . يوقاتماق، كەتكۈزمەك. زەھەرنى زەھەر ئالىدۇ (ماقال).
9 . خاتىرىلىمەك، سىزماق، ئىزىنى چۈشۈرمەك. ئەنگە ئالماق، دەپتەرگە ئالماق. * سۈرەتكە ئالماق. * نوتىغا ئالماق.
10 . قوشماق. ئارىغا ئالماق. * قاتارغا ئالماق.
11 . يېمەك - ئىچمەك. _ مەزەدىن ئالسىلا، _ دېدى ساھىبخان. * _ كۆپ ئالدۇق، رەھمەت، _ دېدى مېھمان.
12 . پەيدا قىلماق، ھاسىل قىلماق. ئەت ئالماق، ياش ئالماق، ئۆستەڭ ئالماق. * يول ئالماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ياردەمچى پېئىل.
جەريان باغلىغۇچىسى. 1 . بەزى ئىسىملارغا قوشۇلۇپ، ئۇلارنى پېئىللاشتۇرىدۇ.
ئەۋج ئالماق، ئۆچ ئالماق، باش ئالماق. * ئىمتىھان ئالماق، ھېساب ئالماق، تەسىر ئالماق.
2 . «پ» لىك رەۋىشداشلارغا قوشۇلۇپ كېلىپ، ئۇلار بىلدۈرگەن ئىش - ھەرىكەتنىڭ سۇبيېكت تەرەپتىن ئورۇنلىنىشنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ بىر دەم ئۇخلىۋالدى. * سەن بىزدىن بۇرۇن بېرىپ ئولتۇرۇۋالدىڭ. * ئۇلار ئۆزىنى قاچۇرۇپ تامنىڭ كەينىگە ئۆتۈۋالدى.
3 . «بولۇپ» رەۋىشدىشىدىن كېيىن كېلىپ، ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئورۇندالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ دۈشمەننى كۆرۈپ گاس بولۇۋالدى.
ئەگەر «بولۇپ» رەۋىشدىشى ئالدىدا سۈپەتداشكەلسە، ئۇلارنىڭ يالغاندىن ئورۇنلىشىشىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلدۈرىدۇ. يازغان بولۇپ قوي. * ئوقۇغان بولۇپ جىم ئولتۇرۇۋالدىم.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئائىلە، خانىدان، قېرىنداش، ئۇرۇغ، بالا - چاقا، ئۆي ئىچى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
خانلار بايراق قىلىشقا، ئەمەلدارلار ئېگەر قاپلاشقا ئىشلىتىلىدىغان ھال رەڭ يىپەك رەخت. ئاچ قىزىل رەڭمۇ « ئال _ ھال» دېيىلىدۇ.
1 - 111
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ھىلە.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئالدى ئارسلان تۇتار كۈچىن ئۇيۇق تۇتاماس _ ھىلە بىلەن ئارسلان تۇتۇلار، كۈچ بىلەن قارانچۇقمۇ تۇتۇلماس. ھىلە بىلەن ئارسلاننى تۇتقىلى بولىدۇ، كۈچ بىلەن كۆكتاتلىقتىكى قارانچۇقنىمۇ تۇتقىلى بولمايدۇ. بۇ ماقال كۈچ يەتمىگەندە، ھىلە - تەدبىر ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلىپ ئېيتىلىدۇ.
1 - 111
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
بىرنەرسىنىڭ تۆۋەن تەرتىپى
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
يول، ۋاسىتە، ئۇسۇل، چارە
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ھىيلە