UyghurMain Dictionary
ئاگىنالدۇ
دۇنيا تارىخى
(1869 - 1964) فىلىپپىن زۇڭتۇڭى (1899 - 1901). ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئەيسا دىنىي جەمئىيىتى مەكتىپىدە تەربىيە ئالغان. 1894- يىلى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى مەخپىي تەشكىلات كاتىپۇنغانغا قاتناشقان. 1896-يىلى ئىسپانىيىگە قارشى قوزغىلاڭ پارتلىغاندىن كېيىن، فىلىپپىن ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولۇپ، گېنېرال ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1897-يىلى كاتىپۇناننىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىپ، بونىفاكىئونى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. شۇ يىلى 12-ئايدا ئىسپانلار بىلەن مۇرەسسەلىشىپ، <بىيەكنا باتو شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغان. كېيىن چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1898-يىلى ئامېرىكا - ئىسپانىيە ئۇرۇشى پارتىلىغاندىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، ئىسپانىيىگە قارشى كۈرەشنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى يەنە بىر قېتىم تارتىۋالغان. شۇ يىلى 6-ئايدا فىلىپپىننىڭ ئىسپانىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان. 1899-يىلى 1-ئايدا فىلىپپن جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. ئامېرىكا ئېتىراپ قىلىمىغاچقا، 2-ئايدا ئامېرىكا - فىلىپپىن ئۇرۇشى پارتلىغان. 1901-يىلى 3-ئايدا ئامېرىكا ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىن تەسلىم بولۇپ، ئامېرىكىغا سادىق بولۇشقا قەسەم بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىننى كونترول قىلىشىغا ماقۇل بولغان. كېيىن سىياسىي ساھەدىن بىر مەزگىل چېكىنىپ چىققان. ياپونىيە ئارمىيىسى فىلىپپىننى ئىشغال قىلغان مەزگىلدە ياپونىيە ھۆكۈمرانلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان. 1945-يىلى ياپونىيە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، دۈشمەن بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغان. چوڭ كەچۈرۈم قىلىنغاندا تۈرمىدىن چىققان. 1950-يىلى زۇڭتۇڭنىڭ مەسلىھەت ئورگىنى مىللىي مەجلىسىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن.