UyghurMain Dictionary
ئالا
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
چار، چىپار، ئالا - بولا.
ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق (ماقال). ھايۋاننىڭ ئالىسىتېشىدا، ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە (ماقال). * ئابرويۇم ئالا چاپان (ماقال). * ئاتنىڭ يامىنى ئالا، خوتۇننىڭ يامىنى يالا (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
خام - خۇتا، چالا پىشقان.
ئاشنىڭ ئالىسى قورساق ئاغرىتار، كۆڭۈلنىڭ ئالىسى ئادەم ئۆلتۈرەر (ماقال). * ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرۈپ ئالا بوپتۇ (ماقال).
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
= ئالاي.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئاستا، ئالدىرىماي: ئالا - ئالا - ئاستا - ئاستا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاق - قارا ئارىلاشقان، بىر خىل ئەمەس،
ئاتىغا بالىنىڭ ئالىسى يوق. ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا. ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چار قۇيرۇق. چىپار ئات چىرايلىق كېلىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پىشۇرۇلمىغان، پىشمىغان.
چۆچۈرىنى خام ساناپتۇ. بالا خام بولسا، ياردىن يانىدۇ، ئاش خام بولسا گالدىن. كالا گۆشىنى چىكى يېيىش زىيانلىق. توڭ قوغۇن تەمسىز بولىدۇ. ئاشنىڭ ئالىسى قورساق ئاغرىتار، كۆڭۈلنىڭ ئالىسى ئادەم ئۆلتۈرەر.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
پىشمىغان؛ پىشۇرۇلمىغان ياكى چالا پىشقان، چالا پىشۇرۇلغان.
پىششىق
پىشقان ياكى پىشۇرۇلغان.
قوغۇنلۇققا ئوغرى كىرسە، يا پىششىقىنى قويماس، يا خەمىكىنى. چۆچۈرىنى خام ساناپتۇ. خام - خۇتا تاماق بەدەنگە زىيانلىق. سۆزنىڭ پىششىقى ياخشى، ئاشنىڭ ئىسسىقى. بالا خام بولسا ياردىن يانىدۇ، ئاش خام بولسا گالدىن. ئۈرۈكنىڭ ئالىسى قورساق ئاغرىتىدۇ، ئاش ئالا بولسا، مېھمان ئاغرىنىدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئالا، پېسە، ئادەم.
ئالا ئات _ ئالا ئات. بەگ خانقا ئالا بولدى _ بەگ خانقا ئالىلىق قىلدى، ئۇنىڭدىن يۈزس ئۆرۈپ، دۈشمەن تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى.
1 - 111
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئالا.
پەرغانىگە يېقىن بىر يايلاقنىڭ نامى. ئالا يىغاچ _ ئالا ياغاچ. چېگىرىدىكى بىر جاينىڭ نامى.
1 - 111
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئالا، بەدىنىدە ئېقى بار ئادەم. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: كىشى ئالاسى ئىچتىن يىلقى ئالاسى تاشتىن _ ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا. بۇماقال يېقىملىق كۆرۈنۈپ، دىلىدىكى يامان نىيتىنى يوشۇرغۇچىلارغا قارىتىپ ئېيتىلىدۇ.
1 - 123
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
«ئاستا، ئالدىرىماي» دېگەن مەنىلەرنى بېرىدىغان ياردەمچى سۆز. ئالا ئالا _ ئاستا - ئاستا. بۇ سۆزگە «ك - ك» بىلەن «ل - ل» ھەرپلىرى قوشۇلۇپ، « ئالاكىل»مۇ دېيىلىدۇ.
1 - 123
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئاق - قارا، ئاساسەن ئاق بىلەن باشقا رەڭنىڭ ئارىلىشىپ كېلىشىدىن ھاسىل بولغان (ھايۋانلار ھەققىدە).
ئالا ئات. ئالا كالا.
ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا (ماقال).
ھەر خىل رەڭلىك ياكى يوللۇق؛ چىپار.
ئالا بەقەسەم. ئالا كۆڭلەك. ئالا بالداق.
كۆچمە.
باراۋەر، تەكشى ئۈنۈپ چىقمىغان، شالاڭ؛ بىر يەردە بار، بىر يەردە يوق.
ئالا بۇغداي
بىر خىل ئەمەس، يامان.
ئالا كۆڭۈل. ئالا نىيەت.