UyghurMain Dictionary
ئاگنون
دۇنيا تارىخى
(1888 - 1970) يەھۇدىي يازغۇچى. ئەسلى ئىسم كزاككېس. گالتسىيە (ھازىر پولشا چېگرىسى ئىچىدە) دە تۇغۇلغان. دەسلەپتە يەھۇدىي تىلىدا ئەسەر يازغان، كېين يېۋرېي تىلىدا يېزىشقا ئۆزگەرتكەن. 1907 - 1913-يىللىرى پەلەستىن ئەتراپىدا ئەدەبىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ مەزگىلدە ئۆزىنى ئاگنون دەپ ئاتىغان. كېيىن بېرلىنغا بېرىپ يېزىقچىلىق ۋە نەشرىياتچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1924-يىلدىن كېيىن ئېرۇسالىمغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. ئەسەرلىرىدە كۆپىنچە <تەۋرات> ۋە يەھۇدىي دىنىنىڭ كلاسسىك كىتابلىرىنى ۋەقەلىك قىلىپ، ياۋروپادىكى يەھۇدىيلارنىڭ تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىگەن، مەسىلەن، <يېڭى توي قىلغان يوكتاي>، <كېچىدە كەلگەن مېھمان> قاتارلىقلار. كېيىنكى مەزگىللەردە ئىسرائىلىيىلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىنى يېزىپ، يەھۇدىي مىللىتىنىڭ ئەنئەنىسىنى تەكىتلىگەن، مەسىلەن، <تۈنۈگۈن ۋە ئۈلۈشكۈن> قاتارلىقلار. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئون نەچچە دۆلەتنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە. 1966-يىلى يەھۇدىي ئايال يازغۇچى ساكىس بىلەن بىللە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.