UyghurMain Dictionary
تارىخ
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تېرىلغان يەر
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
سوۋغا، ھەدىيە
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
مەنبە؛ ئىرق؛ قانداش
دۇنيا تارىخى
(1) كەڭ مەنىدىن ئالغاندا، ئومۇمەن بارلىق شەيئىلەرنڭ بېسىپ ئۆتكەن ھەرىكەت تەرەققىيات جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. تەبىئەت تارىخى ۋە ئىنسانىيەت تارىخى دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. ۋاقىت ۋە دائىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئالدىنقىسى كېيىنكىسىگە قارىغاندا زو دەرىجىدە ئۇزۇن ھەم كەڭ دائىرىدە بولىدۇ. دائىم ئېيتىلىۋاتقان تارىخ، ئادەتتە ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ پەيدا بولۇشى، تەرەققىي قىلىش تارىخى يەنە تەبىئەت دۇنياسى بىلەن ئۆزئارا بېقىنغان، بىر - بىرىنى چەكلەيدىغان ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ھەرىكەت جەريانىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، تارىخ ئىلىمىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى ھېسابلىنىدۇ. تارىخچىلارنىڭ دەسلەپكى خاتىرىلەر ۋە ماددىي ماتېرىياللارغا ئاساسەن، بۇ جەريانغا قارىتا چىقارغان تەتقىقات نەتىجىلىرى، خاتىرلىرى ۋە بايانلىرىمۇ ئادەتتە تارىخ دەپ ئاتىلىدۇ. (2) <رىم تارىخى> نىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى. كىتاب ئىسمى. قەدىمكى رىم تارىخچىسى تاستۇس يازغان. تەخمىنەن مىلادى 109-يىلى ئەتراپىدا كىتاب بولۇپ چىقارغان. كىچىك پلىنيۇس ئۇنىڭ ماتېرىياللىرىنى يىغىپ ئايرىم بابلىرى ئۈستىدن مۇھەررىرلىك قىلىپ تەكشۈرۈپ بېكىتكەن. پۈتۈن كىتاب جەمئىي 12 توم (يەنە بىر ئېيتلىشىچە 14 توم). ئاساسەن مىلادى 69-يىل يانۋاردىن تارتىپ مىلادى 96 - يىل (دومىتيانوسنىڭ ئۆلۈمى) ئارىلىقىدىكى تارىخىي ۋەقەلەر بايان قىلىنغان. ھازىر بىرىنچى تومدىن 4-تومغىچە ۋە 5-تومىڭ باشلىنىش قىسمى يەنى مىلادى 70-يىل ئاۋغۇستقىچە بولغان قىسمى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەجمى ئەسلى كىتابىنىڭ ئۈچتىن بىرىگىمۇ يەتمەيدۇ. خاتىرىلەنگەن تارىخىي ۋەقەلەر ئاپتورنىڭ يەنە بىر ئەسىرى <دەۋر خاتىرىلىرى> گە ئۇلانغان بولۇپ، مىلادى بىرىنچى ئەسىردىكى قەدىمكى رىم تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇسلۇبى ئىخچام، سۆزى ئاددىي ھەم مەزمۇنلۇق، مەنىسى چوڭقۇر بولۇپ، ئاپتور ئۆزىگە خاس ئالاھىدە ئۇسلۇبىنى ئىپادىلىگەن. خەنزۇچىگە تەرجىە قىلىنغان. (3) كىتاب ئىسمى، يەنى <گرېتسىيە - پېرسىيە ئۇرۇشى تارىخى>. <ھېرودوتۇس> قا قاراڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
تەبىئەت ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات جەريانى ۋە بۇ جەرياندا بارلىققا كەلگەن ۋەقەلىك، ئەمەلىيەت، پاكىت.
ئۆز ۋاقتىدىكى ئاشۇنداق ئاددىي نەرسىلەر زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قىممەتلىك تارىخ بولۇپ قالىدۇ.
بىرەر ۋەقە - ھادىسىلەرنىڭ، نەرسىلەرنىڭ ئىزچىل تەرەققىيات يولى.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى. سەنئەت تارىخى.
جەمئىيەت تەرەققىياتى ھەققىدىكى پەن.
سوتسىيالىزم تارىخى.
شەخسلەرنىڭ سەزگۈزەشتى، تەرجىمىھالى.
مېنىڭ تارىخىم ئاساسەن ئەنە شۇلاردىن ئىبارەت.