UyghurMain Dictionary
تارىخ پەلسەپىسى
دۇنيا تارىخى
كىتاب نامى. گېرمانىيە پەيلاسوپى گېگېل يازغان. ئەسلىدە بۇ كىتاب ئاپتورنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا بېرلىن داشۆسىدە تارىخ پەلسەپىسىدىن بەرگەن لېكسىيە ئورگىنالى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى، دوكتور گانس تەرىپىدىن رەتلىنىپ، گېگېل ۆلگەندىن كېيىن مىراس قالغان ئەسەر سۈپىتىدە نەشر قىلىنغان. بىر پارچە مۇقەددىمە ۋە تۆت قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، شەرق دۇنياسى، يۇنان دۇنياسى، رىم دۇنياسى ۋە گېرمان دۇنياسى بايان قىلىنغان. ئاپتورنىڭ كىشىلىك جەمئىيەت تارىخىغا بولغان كۆز قاراشلىرىنى سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تارىخى <مۇتلەق روھ> ياكى <دۇنياۋى ئىداراك> نىڭ پائالىيەت جەريانىدۇر؛ جۇغراپىيىلىك مۇھىت كىشىلىك جەمئىيەت تەرەققىياتىغا قارىتا غايەت زور ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارالغان. خەلق ئاممىسى ۋە ئۇلۇغ شەخسلەرنىڭ تارىختىى رولى، دۇنيا تارىخىنىڭ دەۋرلەرگە بۆلۈنۈشى ۋە دۆلەت قاتارلىق مەسىلىلەرنىمۇ مۇھاكىمە قىلغان. ئاپتور بۇ كىتابىدا ئىنسانىيەت تارىخى ھادىسىلىرىنى دىئالېكتىكا ئارقىلىق تەھلىل قىلىپ، مول قىممەتكە ئىگە ئىدىيىۋى ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن. خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسى بار.