UyghurMain Dictionary
تارىخ ئارخپخانىسى
دۇنيا تارىخى
چاۋشىيەندىكى كورىيە، لى سۇلالىلىرىدە ئۆتكەن خانلارنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرى خاتىرىلىرى ۋە باشقا مۇھىم ھۆججەتلەر ساقلىنىدىغان دۆلەتلىك ئارخپخانا. كورىيە سۇلالىسى دەۋرىدە پايتەخت كايسوڭ (كايجىڭ) دا تارىخ مەھكىمىسى قۇرۇلۇپ، تارىختا ئۆتكەن خانلارنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرى خاتىرىلىرى ساقلانغان. قىتانلار باستۇرۇپ كىرگەندە ۋە بى زىچيەن توپىلىڭى ۋاقتىدا تارىخى مەھكىمىسى نەچچە قېتىم پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان. 1227 - يىلى (كوجوڭنىڭ 14-يىلى) ئىككى نۇسخا <مىن چوڭ ئىش - پائالىيەتلىرى خاتىرىسى> تۈزۈلۈپ، كايسوڭ تارىخ مەھكىمىسى بىلەن خەييىن بۇتخانىسى (كيوڭساڭ - بۇكدو ئۆلكىسى كولىڭ ۋىلايىتى) دە ساقلانغا. شۇنىڭ بىلەن ئىچكى ۋە تاشقى تارىخ ئارخىپخانىسى بارلىققا كەلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن موڭغۇللارنىڭ ۋە ياپون قاراقچىلىرىنىڭ باستۇرۇپ كىرىشى تۈپەيلىدىن، خەييىن بۇتخانىسى تارىخ ئارخىپخانىسى بىر نەچچە قېتىم يۆتكىلىپ، ئاخىر 1362-يىلى چۇڭجۇغا يۆتكەلگەن. لى سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى ئورىدىدىكى چۇنچيۇ مەھكىمىسى بىلەن چۇڭجۇدا ئىچكى ۋە تاشقى ئىككى تارىخ ئارخىپخانىسى بارلىققا كەلگەن. 1439-يىلى (سېجوڭنىڭ 21-يىلى) چونجۇ (چوللا - دو ئۆلكىسى) ۋە شىڭجۇ (كيوڭساڭ - دو ئۆلكىسى) دا ئىككى ئورۇندا تاشقى تارىخ ئارخپىخانىسى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىنغا، شۇنداق قىلىپ، 1445-يىلى (سېجوڭنىڭ 27-يىلى) غا كەلگەندە تۆت تارىخ ئارخپخانىسى شەكىللەنگەن. رېنچېن ۋەتەن ئۇرۇشى ۋاقتىدا چۇنچيۇ مەھكىمىسى، جۇڭجۇ، شىڭجۇ تارىخ ئارخىپخانىلىرى ۋەيران بولۇپ، پەقەت چونچيۇ تارىخ ئارخىپخانىسىلا ساق قالغان، ئاخىر كاڭخۇا ئارىلىغا يۆتكەلگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن تاشقى تارىخ ئارخىپخانىلىرى قايتا قۇرۇلۇپ، 1605-يىلى (شۇەنجۇنىڭ 38-يىلى) غا كەلگەندە تۆۋەندىكى تۆت تارىخ ئارخىپخانىسى. كيوڭگى - دو ئۆلكىسى كاڭخۇا ۋىلايىتىدىكى مانى تېغىدا بولۇپ، كېيىن دىڭزۇ تېغىغا يۆتكەلگەن. (2) مىيۇخياڭ - سان تېغى تارىخ ئارخىپخانىسى، پيوڭئان - دو ئۆلكىسىنىڭ شىچون ۋىلايىتىدىكى فۇشيەن بۇتخانىسىدا. 1633-يىلى (ئىنجۇنىڭ 11-يىلى) چوللا - دو ئۆلكىسى شاڭجۇ ۋىلايىتىدىكى چىشاڭ تېغىغا يۆتكەلگەن. (3) تايبايېك - سان تېغى تارىخ ئارخىپخانىسى. كاڭۋون - دو ئۆلكىسى پيوڭچاڭ سىلايىتىدىكى شاڭيۇەن بۇتخانىسىدا. بۇ تاىرخ ئارخىپخانىلىرىنىڭ ھەممىسىدە تارىخ كىتابلىرى بۆلمىسى ۋە مەنبەرلەر بۆلمىسى بار بولۇپ، ياغاچ قۇرۇلمىلىق قىلىپ ئىككى قەۋەتتىن ياسالغان. ئەتراپى پاكار تام بىلەن ئورالغان. تامنىڭ سىرتىغا باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ تۇرالغۇسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. تارىخ كىتابلىرى بۆلمىسىدە خانلارنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرى خاتىرىلىرى ساقلانغان. مەنبەلەر بۆلمىسىدە خانلار جەمەتىنىڭ نەسەبنامىلىرى بىلەن ھۆكۈمەت دائىلىرى نەشر قىلغان باشقا كىتابنلار ساقلانغان. 1910-يىلدىن كېيىن تاشقى تارىخ ئارخىپخانىلىرى بىكار قىلىنىپ، ئۇ يەرلەردە ساقلانغان كىتابلارنىڭ ھەممىسى سېئوۇلغا يىغىپ ئەكىلىنگەن.