UyghurMain Dictionary
سولون
دۇنيا تارىخى
(Solon تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 638 - 559) قەدىمكى ئافىنا سىياسىئونى، شائىرى. يۇناندىكى <يەتتە دانا>نىڭ بىرى دەپ ئاتالغان. ئابرۇيلۇق ئائىلىدىن كېلىپ چىققان. ئۇنىڭ دادىسى ئېكسېسېستىدې كىدېرو <شاھ>نىڭ ئەۋلادى، ئاپىسى پىسستراتۇ (كېيىن ترانست بولغان)نىڭ بىر نەۋرە ھاممىسى. ئائىلىسىنىڭ ھالى خاراب بولغانلىقتىن بىر مەھەل باشقا ئەللەرگە بېرىپ سودىگەرچىلىك قىلغان. ئافىنا بىلەن مېگارادىكى سالامى ئارىلىنى تارتىۋېلىش ئۇرۇشىدا خىزمەت كۆرسەتكەن (ھەسرەتلىك شېئىر <سالامىغا مەدھىيە>نى يازغان)، شۇنداقلا ئاددىي خەلقنىڭ ھالىغا ھېسداشلىق قىلىش بىلەن ئابرۇي قازانغان.ئاددىي خەلق بىلەن ئاقسۆڭەكلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە، مىلادىدىن 594 يىلى ئىلگىرى باش ئارخۇن بولۇپ، سىياسىي ئىسلاھات (<سولون قانۇنى>)نى يولغا قويغان ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمونى: قەرزنى بىكار قىلىش ۋە قەرزدار قۇلنى مەنئىي قىلىش (قەرزگە جىسمانىي جەھەتتىن ھۆددە قىلىشنى مەنئىي قىلىش)، سېتىۋېلىنىپ چەت ئەلدە قول قىلىنىۋاتقانلارنى دۆلەت پۇل چىقىرىپ قايتۇرۇپ كېلىش (<سېلىقتىن خالاس قىلىش بويرۇقى>)؛ دارامىتىنىڭ ئاز - كۆپلىكىگە قاراپ پۇقرالارنى تۆت دەرىجىگە ئايرىش، ھەرقايسى دەرىجىنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى كېلىپ چىقىشىغا ئەمەس، بەلكى مالىيە كۈچىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگەقاراپ بېكىتى؛ دۆلەتنى باشقۇرىدىغان يېڭى ئاپپارات <400 كىشىلىك سىنتورىيە> ۋە <زاسېداتىللىق سوت> تەسىس قىلىپ، ئۇنى ئالىي ھاكىمىيەت ۋە ئەدلىيە ئورگىنى قىلىش ھەمدە پۇقرالار يىغىنىنىڭ ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاشلىقنى سىرتقا سېتىشنى مەنئىي قىلىش، پۇل تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، سودا - سانائەتنى رىغبەتلەندۈرۈش، چەت بەگلىكلەرنىڭ ئۇستىلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە ۋەسىيەت ئەركىنلىكى قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، <يەرنىڭ ئەڭ چوڭ چېكى قانۇنى> جاكارلانغان.ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئەنئەنىۋى ئۇرۇقداش ئاقسۆڭەك كۈچلىرىگە زەربە بەرگەن، ئۇلارنىڭ بىرقىسىم ھوقۇقىنى تارتىۋالغان، بۇ سودا - سانائەتنىڭ راۋاجلىنىشىغاپايدىلىق بولغان. شۇنداقلا ئافىنادا قۇلدارلارنىڭ دېموكراتىك سىياسىتىنى ئورنىتىش ئۈچۈن ئاساس سالغان. ئىسلاھات ئافىنادىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتنى ۋاقىتلىق پەسەيتكەن، لېكىن تۆۋەن قاتلامدىكى ئاددىي خەلقنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالمىغان. سولون <بىر قالقان بىلەن ئىككى تەرەپ (كەمبەغەل بىلەن بايلار)نى قوغداش> ئويىدا بولۇپ، ئاخىر تاپا - تەنىدىن خالى بولالمىغان. ۋەكالەت مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، مىسىر، سىپىرۇس، كىچىك ئاسىياقاتارلىق جايلارغا ساياھەتكە چىققان. سولونمەرسىيە يېزىش بىلەن داڭق چىقارغان. ئۇنىڭ مەرسىيىلىرى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبقا ئىگە، ئۇئافىنانىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئەدەبىي ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۈگۈنكى كۈندەئۇنڭدىن پارچىلار ساقلانغان.