UyghurMain Dictionary
سوم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
روسىيىنىڭ، كېيىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پۇل بىرلىكى. «سوم»، «تەڭگە»، «چىرۋان» ئۇيغۇر، ئۆزبەك تىلىدا ئاتىلىشى.
رۇبلىنىڭ قىمىتى كېينكى كۈنلەردە بەك چۈشۈپ كەتتى. تېخى 80 - يىللارنىڭ باشلىرىدىلا بىر رۇبلى 6.7 ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ بولسا، 1991 - يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە بىر دوللار 47 رۇبلىگە تەڭ بولدى.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
سوم - روسىيىنىڭ يېقىنقى زامان پۇل بىرلىكىنىڭ نامى بولۇپ، شىنجاڭدا ئازادلىقتىن ئىلگىرى بىر سوم بازاردا 22000 - 22500 يۈەن قەغەز پۇلغا باراۋەر بولغان. ھۆكۈمەتلەر ئارا ئالماشتۇرغاندا بىر سوم 9000 يۈەن شىنجاڭ ئۆلكە پۇلىغا توغرا كېلەتتى.
روسىيىدە 1917 - يىلىدىن بۇرۇن بىر سوم 001 تىيىنغا تەڭ ئىدى. ئازادلىقتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن ئۇيغۇر خەلقىمۇ <يۈەن> نى سوم دەپ ئاتىغان. ھازىر شىمالىي شىنجاڭدا يەنىلا شۇنداق. بىر سوم 100 تىيىنغا تەڭ. بۇ بىر يۈەن خەلق پۇلىنىڭ 100 پۇڭغا تەڭ بولغانلىقى بىلەن ئوخشاش. ھازىر قىرغىزىستاننىڭ پۇل نامى <سوم> دېيىلىدۇ. 1998 - يىلىدىكى مەلۇماتتا بىر سوم قازاقىستاننىڭ تۆت تەڭگە 28 تىيىنغا ئايرىۋاشلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
1917 - يىلدىن بۇرۇنقى روسىيەدە ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىشلىتىلگەن يۈز تىيىنغا تەڭ پۇل بىرلىكى؛ ئازادلىقتىن بۇرۇن ۋە ئازادلىقتىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلاردا <يۈەن> (كوي) نى <سوم> دەپ ئاتاش ئادىتى بار ئىدى.