UyghurMain Dictionary
سول قاناتلار ئىتتتىپاقى
دۇنيا تارىخى
فرانسيەدىكى سول قانات پارتىيىلەرنىڭ ئىتتىپاقى. 1924 - يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسى، رادىكال سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ۋە جۇمھۇرىيەتچى سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بىرلىشىپ قۇرغان. شۇ يىلى پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبەقىلغان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ھېررىئوت، پارئىنلېۋې، برىئاندلار كابېنت تەشكىللىگەن. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللىرىدە، 1924 - يىلى رۇردىن چېكىنىپ چىققان ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. ماراكەشكە ۋە سۈرىيىگە قارىتا مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشى قوزغىغان. 1925 - يىلى <لوكارنو ئەھدىنامىسى>نى ئىمزالىغان. ئىچكى جەھەتتە ئوتتۇرا ۋە ئۇششاق بۇرژۇئازىيەنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، چېركاۋنىڭ ئىمتىيازىغا قارشى تۇرغان، 1905 - يىلدىكى چېركاۋ بىلەن دۆلەتنى ئايرىش بۇيرۇقىنى يولغا قويغان؛ لېكىن ئىقتىسادىي سىياسەتتە مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، مەملىكەت ئىچىدە پۇل پاخاللىقى كېلىپ چىقىپ، فرانكنىڭ كۇرسى چۈشۈپ كەتكەن. 1926 - يىلى 7 - ئايدا، ھېررىئوتنىڭ ئىككىنچى كابىنېتى نائىلاج ئىستېپا بەرگەن، شۇنىڭدىن كېيىن سول قاناتلارئىتتىپاقى تەدرىجىي پارچىلىنىپ كەتكەن.