UyghurMain Dictionary
سان ئىلدېفونسو شەرتنامىسى
Domain: دۇنيا تارىخى1796 - يىلى 8 - ئايدا ئىسپانىيە بىلەن فرانسىيە ئىسپانىيەنىڭ سان ئىلدېفونسو دېگەن يېرىدە ئىمزالىغان شەرتنامە. شەرتنامىگە ئاساسەن، ئىككى تەرەپ <ھۇجۇم - مۇداپىئە ئىتتىپاقى> تۈزۈپ، بىر تەرەپ ئۇرۇشقا دۇچ كەلسە، يەنە بىر تەرەپ دەرھال 25 ھەربىي كېمە، 18 مىڭ پىيادە ئەسكەر ۋە يەتتە مىڭ ئاتلىق ئەسكەر ياردەم بېرىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىسپانىيەنىڭ فرانسىيەدىن ئۇرۇش قىلىشىدىكى سەۋەبىنى ئىزاھلاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولماسلىقمۇ بەلگىلەنگەن. بۇ شەرتنامە بويىچە ئىسپانىيە 1797 - يىلى ئەنگىلىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ، پاجىئەلىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان، ئۇنىڭ ھەربىي فلوتى ئەترىتى سېنت ۋىنسېنت تۇمشۇقىدىكى دېڭىز ئۇرۇشىدا تارمار بولغان.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.