UyghurMain Dictionary
سانائەت ئىنقىلابى
دۇنيا تارىخى
يەنى <كەسىپ ئىنقىلابى>.
دۇنيا تارىخى
ئادەتتە، كاپىتالىستىك يىرىك ماشىنا سانائىتىنىڭ ئىشخانا قول سانائىتىنىڭ ئورنىغا ئۆتۈش جەريانىنى كۆرسىتدۇ. كاپىتالىستىك سىياسىي ئىقتىساد تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەت نەتىجىسى. 15- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 16 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان جۇغراپىيىلىك زور بايقاشلاردىن كېيىن، دۇنيا بازارلىرى بارغانسېرى كېڭىيىپ، قول ئەمگىكى ئاساسىدىكى ئىشخانا قول سانائىتى مەملىكەت ئىچىدىكى ۋە سىرتىدىكى بازارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالماي قالغان، بۇرژۇئازىيە تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، تېخنىكا ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىپ، ماشىنا ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشقا مەجبوربولغان ئىشخانا قول سانائىتىنىڭ ئۇزاق مۇدەتلىك تەرەققىياتى، ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئىش تەقسىماتىنىڭ بارغانسېرى ئىنچىكىلەپ بېرىشى ۋە ئەمگەك قوراللىرىنىڭ بارغانسېرى مەخسۇسلىشىپ بېرىشى، يىرىك ماشىنا سانائىتى ئۈچۈن ماددى ۋە تېخنىكىۋى شەرت - شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن. كاپىتالنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىپتىدائىي جۇغلانمىسى ماشىنا سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىنى زور تۈركۈمدىكى ئەمگەك كۈچىۋە غايەت كۆپ پۇل كاپىتالى بىلەن تەمىن ئەتكەن؛ بۇرژۇئا ئىنقىلابىنڭ غەلبىسى كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتىنى بۇغۇپ تۇرغان توسالغۇلارنى بۆسۈپ تاشلاپ، سانائەت ئىنقىلابىغا پايدىلىق شەرت يارىتىپ بەرگەن. سانائەت ئىنقىلابى 18 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا ھەممىدىن ئاۋۋال، شۇ چاغدا كاپىتالىزم ئەڭ تەرەققى قىلغان ئەنگىلىيىدە مەيدانغا كېلىپ، پاختاتوقۇمىچىلىقىدىن باشلىنىپ، بارا - بارا قېزىش، مېتاللورگىيە، ماشىنىسازلىق، تراسپورت قاتارلىق تارماقلارغا كېڭىيىپ، 80 - يىللاردا پار ماشىنىسىنڭ كەشىپ قىلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى ئارقىسىدا تېخىمۇ تەرەققى قىلغان. 19 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئەنگىلىيىدە ئاساسەن تاماملانغان. ئامېرىكا، فرانسىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ 19 -ئەسىرنىڭ ئىچىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سانائەت ئىنقىلابىنى تاماملىغان. سانائەت ئىنقىلابى ھەم ئىشلەپچىقرىش تېخنىكىسىدىكى غايەت زور ئىنقىلاپ ھەم ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىدىكى چوڭقۇرئۆزگىرىش ھېسابلىنىدۇ. ئۇ كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تېزلىكتە تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كاپىتالىزم تۈزۈمىنى يىرىك ماشىنا سانائىتىدىن ئىبارەت ماددىي، تېخنىكىۋى ئاساس ئۈستىگە قۇرۇپ چىققان ھەمدە ئۇنى ئاخىر فېئوداللىق تۈزۈم ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمرانلىق ئۇرۇنغا چىقارغان. ئۇ يەنە كاپىتالىستلارنىڭ ئىشچىلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش دەرىجىسىنى كۈچەيتىپ، ئىشچىلارنى ماشىنىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلاندۇرۇپ، بۇرژۇئازىيىگە قارىمۇ قارشى بولغان سىنىپى كۈچنى شەكىللەندۈرۈپ، بۇنىڭ بىلەن كاپىتالىزمدىكى نېگىزلىك زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۋەتكەن. <سانائەت ئىنقىلابى> دېگەن ئاتالغۇنى ئېنگلېس 1845 - يىلى نەشىر قىلىنغان <ئەنگلىيە ئىشچىلارسىنىپىنىڭ ئەھۋالى> دېگەن كىتابىدا ئالدى بىلەن ئىشلەتكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سىياسىي ئىقتىساد
قول ھۈنەرنىڭ ئورنىنى ماشىنا ئىگىلەيدىغان، قول سانائەت دۇكانلىرىنىڭ ئورنىنى زاۋۇتلار ئىگىلەيدىغان ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا ئىنقىلابى، يەنى سانائەتلىشىش. سانائەت ئىنقىلابى ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئالدى بىلەن ئەنگلىيىدە باشلىنىپ، ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە فرانسىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە كەينى - كەينىدىن تاماملاندى.