UyghurMain Dictionary
سانائەت ئىشچىلار بىرلەشمىسى
Domain: دۇنيا تارىخىئامېرىكا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى. 1935 - يىلى 11 - ئايدا ئامېرىكا ئىشچىلار بىرلەشمىسىدىكى كان ئىشچىلىرى بىرلەشمسى، توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى بىرلەشمىسى قاتارلىق 10سانائەت سېستىمىسىدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلىشىپ، <سانائەت ئىشچى - خىزمەتچىلىرى كومىتېتى> نى ئۇيۇشتۇرغان، دۇنيا سانائەت ئىشچىلىرى ئىتتىپاقىنىڭ پرىنسىپلىرىن تەقلىد قىلىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى تەشكىللىگەن، لېكىن ئىشچىلار بىرلەشمىسى مەركىزىي ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئىگە بولالمىغان. 1938 - يىلى سانائەت ئىشچى - خىزمەتچىلىرى كومېتىتى تۇنجى قېىتملىق ۋەكىللەر يىغىنى چاقىرىپ، يىغىندا ئىشچىلار بىرلەشمىسىدىن ئايرىلىپ چىقىشنى قارار قىلىپ، سانائەت ئىشچىلىرى بىرلەشمىسىنى قۇرۇپ، لېۋىسنى رەئىسلىككە سايلىغان. 1942 - يىلى لېۋىس كان ئىشچىلىرى بىرلەشمىسىگە باشلامچىلىق قىلىپ، سانائەت ئىشچىلىرى بىرلەشمىسىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ، 1945 - يىلى ئىشچىلاربىرلەشمىسىگە قايتىپ كەلگەن. 1955 - يىلى سانائەت ئىشچىلار بىرلەشمىسى بىلەن ئىشچىلاربىرلەشمىسى قوشۇلۇپ ئىشچىلار بىرلەشمىسى - سانائەت ئىشچىلىرى بىرلەشمىسى بولۇپ شەكىللىنىپ، بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.