سانⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① شەيئىلەرنىڭ ئاز-كۆپلۈكى، مىقدارى، سانىقى:[مىسال:] بۇلار سان جەھەتتە ئۆتكەندىكىدىن كۆپ، سۈپەت جەھەتتىمۇ ياخشى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] شەيئىلەرنىڭ مىقدارىنى ئىپادىلەيدىغان ئاساسىي ماتېماتىكىلىق ئۇقۇم. مەسىلەن، تەبىئىي سان، پۈتۈن سان، راتسىئونال سان، ئىرراتسىئونال سان، ھەقىقىي سان، كومپلېكس سان ۋە تۈپ سان قاتارلىقلارغا ئوخشاش.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] رەقەم:[مىسال:] كىتابلارنىڭ خەتلىرى ناھايىتى تۇتۇق بولۇپ، ئۇنىڭدىكى سانلارنى پەرق قىلغىلى بولمايتتى.[يەشمىسى:] ④ گېزىت-ژۇرناللارنىڭ قەرەل بويىچە چىققان نۇسخىلىرى:[مىسال:] بۈگۈن «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىنىڭ يېڭى سانى نەشردىن چىقتى.[يەشمىسى:] ⑤ [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] شەيئىلەرنىڭ ھېسابىنى، رەت تەرتىپىنى ياكى نومۇرلۇق بەلگىسىنى بىلدۈرىدىغان سۆز تۈركۈمى، مەسىلەن، بىر، ئىككى، بىرىنچى، ئىككىدىن بىر، ئۈچەيلەن، قىرىقچە دېگەنلەرگە ئوخشاش.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يۇقىرىدىن پىلان بويىچە چۈشۈرۈلگەن نورما، شتات:[مىسال:] بىر ئامال قىلىپ قىزىم ئۈچۈن بىر سان ھەل قىلىپ بەرگەن بولسىڭىز بولاتتى.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۆڭلىگە پۈككەن پىلان:[مىسال:] رەھمەتجان يەڭگىل تىن ئالدى. ئۇنىڭ كۆڭلىدە مەلۇم سان پەيدا بولغانىدى.[يەشمىسى:] ⑧ [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] شەيئىلەر مەۋجۇتلۇقىنىڭ كۆلىمى، شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ دەرىجىسى، شۇنىڭدەك شەيئىلەرنىڭ سان ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولىدىغان مۇئەييەنلىكى. مەسىلەن، شەيئىلەرنىڭ ئاز-كۆپلۈكى، چوڭ-كىچىكلىكى، ئېگىز-پەسلىكى، ئۇزۇن-قىسقىلىقى، ئېغىر-يېنىكلىكى ۋە تېز-ئاستىلىقى قاتارلىقلارغا ئوخشاش:[مىسال:] ياسىن سىنىپ سانىغا كىرمىسىمۇ ئائىلىدىن بىر ئورۇندۇق ئەكېلىپ سىنىپنىڭ بىر بۇرجىكىدە دەرس ئاڭلاۋەردى.