UyghurMain Dictionary
رازۋېدكا سۈنئىي ھەمراھى
جەڭ مەيدانىدىكى «كۆز»ۋە مۇھاپىزەت
ھازىرقى زامان ھەربىي ئىشلار رازۋېدكىسىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىـغـان، ماھارىتى ئەڭ زور رازۋېدكا يارىغى ھەربىي رازۋېدكا سۈنئىي ھەمـراھى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئاساسەن سۈرەتكە ئېلىش رازۋېدكـا سـۈنئىـي ھەمـراھى، ئېلېكترونلۇق رازۋېدكا سۈنئىي ھەمراھى، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەددىن ئالـدىـن مەلۇمات بېرىش سۈنئىي ھەمراھى، دېڭىـز - ئوكـيـان كـۆزىـتـىـش سـۈنئىـي ھەمراھى دەپ تۆت خىلغا ئايرىـلـىـدۇ. ھازىـر ئامـېـرىـكـا قـاتـارلـىـق دۆلـەتـلەر ئىستراتېگىيىلىك ئاخباراتلارنىڭ 70%تىن كۆپـرەكىـگـە سـۈنئىـي ھەمـراھ رازۋېدكىسى ئارقىلىق ئېرىشىدۇ.
رازۋېدكا سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ئاخبارات رازۋېدكا قىلىش سۈرئىتى تېـز. يەر شارىغا يېقىن ئوربىتىدىكى سۈنئىي ھەمراھ سېكۇنتىغا7 −8 كىلومېتىـر ئۇچۇپ، يەر شارىنى1 يېرىم سائەت ئۆپچۆرىسىدە بىر قـېـتـىـم ئايـلـىـنـىـپ چـىـقـىـدۇ. بـۇ سـۈرئەت ھازىـرقـى زامـان ئاۋازدىـن تــېــز رېئاكــتــىــپ ئايـروپـىلاننىڭكىدىن10 −20 ھەسسە يۇقىرى.
رازۋېدكا سۈنئىي ھەمراھى ئېگىزدە تـۇرغـاچـقـا، ئۇنىڭ كـۆرۈش ۋە رازۋېدكـا دائىرىسى كەڭ، ئېرىشىدىغان ئاخباراتلىرىمۇ كۆپ بولىدۇ. ئوخشاش نۇقتىـدا سۈنئىي ھەمراھ كۆزەتكەن يەر يۈزى ئايـروپىلاننىڭكىدىن نەچچـە10 مىڭ ھەسسە چوڭ بولىدۇ. ئەگەر ئېگىز بوشلۇقتا ئۇچىـدىـغـان ئايـروپـىلان ئارقىلىق ئېلىمىزنى بىر قېتىم سۈرەتكە ئېلىشقا توغـرا كـەلـسـە،1 مـىـلـيـون پارچە سۈرەت تارتىش ئۈچۈن،10 يىل ۋاقىت كېتىدۇ، ھالبۇكـى، سـۈنئىـي ھەمراھتا500 نەچچە پارچە رەسىم تارتسىلا كۇپايە، بۇنىـڭـغـا بـىـرنـەچـچـە كۈنلا ۋاقىت كېتىدۇ.
سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىـق رازۋېـدكـا قـىـلـىـش دۆلـەت چـېـگـرىسـى، جۇغراپىيىلىك ئورۇن ۋە كىلىمات شارائىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمـايـدۇ، ئۇ يەر شارىنىڭ ھەرقانداق بىر رايونىدا، جۈملىدىن، ھازىرقى زامان قاتناش قوراللىرىـنـىـڭ بېرىشى قىيىن بولغان تاغ ئىچى، قويۇق ئورمان، چۆل - جەزىرە، جەنۇبـىـي، شىمالىي قۇتۇپ ۋە بىپايان دېڭىز - ئوكيانلار ئۈستىـدە ئەركـىـن ئۇچـۇپ يۈرەلەيدۇ. شۇڭا، ھەرقـانـداق مـۇھىـم يـەر ئۈسـتـى نـىـشـانـى ۋە ھەربـىـي ھەرىكەتنىڭ سۈنئىي ھەمراھنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالىشـى ئىـنـتـايـىـن تەس.