UyghurMain Dictionary
رازى
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
باش ئەگكەن،قوبۇل قىلغان، ئىتائەت قىلغان:
ئەندەلىبغە خاردىن مەجۇنغە ئەتقال تاشىدىن،
رازىدۇر يۈز جەۋرى يەتسە خار ئىلە خارسىغە.
موللا سالېھ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
رازى بولغان، قانائەتلەنگەن، خۇشال بولغان؛ قوشۇلغان، ماقۇل بولغان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتتىن قانائەتلىنىش تۇيغۇسى.
بازارغا رازى بول، يوققا سەۋرى قىل. ئاز پايدىغا رازى بولمىساڭ، كۆپ زىيانغا ئۇچرايسەن. قازاغا رىزا بولماقتىن ئۆزگە چارە يوق. يار شۇدۇر كۆنسە يار جاپاسىغا، ئارزۇسىنى كۆندۈرسە يار رىزاسىغا. سەن ئۇنى مەمنۇن قىلىمەن دېسەڭ، ئۇنىڭ دېگىنىنى قىل. قىلغان ياخشىلىقلىرىڭىزدىن مىننەتدارمەن، ئۆلگۈچە ئۇنتۇمايمەن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
مەمنۇن، ماقۇل، قايىل.
نارازى
مەمنۇن، ماقۇل، قايىل ئەمەس.
يېڭى چاپىنى يوق، يامان چاپانغىمۇ رازى. قازاغا رىزادىن ئۆزگە چارە يوق. قىز قېرىسا نازى بولار، قېرىغىمۇ رازى بولار. نارازى بولۇپ يۈرگەن تاماق قورساق ئاغرىتىدۇ.
دۇنيا تارىخى
(865 - 925) ياۋروپالىقلار ئۇنى رازېس دەپ ئاتايدۇ. مەشھۇر ئەرەب تىببىي ئالىمى، پەيلاسوپى، خىمىكى. راي (ھازىرقى ئىراننىڭ تېھران شەھىرى ئەتراپى) دا تۇغۇلغان. راي ۋە باغداد شىپاخانىسىنىڭ بالشىقى بولغان. <تىبابەتچىلىك قوللانمىسى>، <مەخپىي رېتسېپ> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. تىبابەتچىلىك قوللانمىسى< مەزمۇنى مول تىبابەتچىلىك قامۇسى بولۇپ، قەدىمكى يۇنان، پېرسىيە، ھىندىستان ۋە ئەرەبەرنىڭ تىبابەتچىلىك بىلىملىرى يەكۈنلەنگەن. ⅩⅡ ئەسىردە لاتىن تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن، ياۋروپادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ دەرسلىكى قىلىنىپ بىر نەچچە ئەسىر ئىشلىتىلگەن. >مەخپىي رېتسېپ< خىمىيىگە ئائىت ئەسەر بولۇپ، ⅩⅡ ئەسىردە لاتىن تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن غەربىي ياۋروپاغا كەڭ تارقالغان. تاشقى كېسەللىكلەر، ئىچكى كېسەللىكلەر ۋە تۇغۇت قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزگىچە قاراشلىرى بار. ئۇنىڭ >چېچەك ۋە قىزىل< توغرىسىدا يازغان ماقالىسى - چېچەك توغرىسىدىكى ئەڭ دەسلەپكى مەخسۇس ماقالا ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
كۆپرەك خەۋەر ۋەزىپىسىدە كېلىپ، >مەمنۇن، خۇرسەن، شاد، قايىل< دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
مەن ئۆز تۇرمۇشۇمدىن رازى.
ماقۇل ۋە قايىل بولغانلىقنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇ پەقەت دۇنياغا تۇغۇلغىنى ئۈچۈنلا ئامالسىز ياشاشقا رازى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
پارىسچە
رازى بولغۇچى، خۇشال بولغۇچى