UyghurMain Dictionary
رازى رىزالىق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
«رازى - رىزالىق»بىرەر ئىشقا، مەسىلىگە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۇناش؛ رازىلىق، رازىمەنلىك.
مەن توختىئاخۇن ئاكىنىڭ بالىسىدۇرمەنكى، ئۆز رازى - رىزالىقىم بىلەن ئۇشبۇ مەيداندا قازىكالاننىڭ ئالدىغا قويۇلغان نەرسىنى موللا قۇتلۇق ھاجى ئوغلى مۇسا بايغا 300 تەڭگىگە ساتتىم.
ئۆلۈم ياكى ۋىدالىشىش ئالدىدا بىر - بىرىدىن رازىلىق سوراش؛ رازىلىشىش.
ۋەزىر ئۇلارنى باغرىغا بېسىپ، رازى - رىزالىق بېرىپتۇ، ئۆيدە يىغا - زارە كۆتۈرۈلۈپتۇ.