UyghurMain Dictionary
رازۋېدكا پاراخوتى
جەڭ مەيدانىدىكى «كۆز»ۋە مۇھاپىزەت
لەيلىمە ئاخبارات پونكىتى دەپ ئاتالغان رازۋېدكا پاراخـوتـىـغـا ئىـلـغـار رازۋېدكا ئۈسكۈنىلىرى ۋە خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئورۇنلاشـتـۇرۇلـغـان بولۇپ، قۇرۇقلۇق ياكى پاراخوتتىن تارقىـتـىـلـغـان ئېـلـېـكـتـرو مـاگـنـىـت ئۇچۇرلىـرىـنـى نـاھايـىـتى كـەڭ دائىـرىـدە تـوپلاپ، قـارشـى تـەرەپـنـىـڭ خەۋەرلىشىش مەزمۇنىنى ئېنىقلاپ، قىسىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلـۇشـى ۋە جـەڭ مۇددىئاسىغا ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قارشى تەرەپنىـڭ رادار ۋە خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئورنى، ئىقتـىـدارىـنـى رازۋېـدكـا قـىـلـىـپ، ئېلېكترون ئۇرۇشىنى توغرا ئاخبارات بىلەن تەمىنلەيدۇ.
رازۋېدكا پاراخوتى يۈك پاراخوتى، ماي پاراخوتى ۋە باشقـا پـاراخـوتلار شەكلىدە نىقابلىنىپ، دۈشمەن دېڭىز تېررىتورىـيـىـسـىـنـىـڭ ئەتـراپـىـدا ۋە ئوچۇق دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرىدۇ؛ بەزىدە مۇھىم ئاخباراتقا ئېرىشـىـش ئۈچـۈن، دۈشمەن پاراخوتىغا ئۇزۇنغىچە ئەگىشىپ مـاڭـىـدۇ. دۇنـيـادىـكـى نـۇرغـۇن جاسۇسلۇق پاراخوتلىرى دېڭـىـز - ئوكـيـانلاردا ئۈزۈپ يـۈرىـدۇ، ئۇلار يـۈك پاراخوتى ياكى بېلىقچىلىق پاراخوتىغا ئوخشاش نىقابلىنـىـدۇ يـاكـى ئىلمىي تەكشۈرۈش نامى بىلەن ھەربىي ئاخبارات ئوغرىلايدۇ.
برونېلەنگەن رازۋېدكا ئاپتوموبىلى تۇراقسىز ئاخـبـارات پـونـكـىـتـى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل رازۋېدكا ئاپتوموبىلى كىچـىـك ۋە يېنىك بولۇپ، سۇ ھەم قۇرۇقلۇقتا يۈرەلەيدۇ، مۇرەككەپ يەر شەكىللىـرىـدە ئۇچقانـدەك مـاڭـىـدۇ، ئەڭ يـۇقـىـرى سـۈرئىـتـى سـائىـتـىـگـە80 −100 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. بۇ خىل رازۋېدكا ئاپتوموبىللىـرىـغـا ئىـلـغـار رازۋېـدكـا ئۈسكۈنىلىرى، مەسىلەن، لازېرلىق نىشان كۆرسەتكۈچ، تېرمال تەسـۋىـر ھاسىل قىلىش ئاپپاراتـى، ئاجـىـز نـۇر تـېـلـېـۋىـزورى، رادار قـاتـارلىـقلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كېچە - كۈندۈز رازۋېـدكـا قـىلالايـدۇ، رازۋېـدكـا دائىرىسى كەڭ، سۈپىتى يۇقىرى بـولـۇپ، ئۆزىـنـى قـوغـداش ئىـقـتىـدارىمۇ خېلى كۈچلۈك.