UyghurMain Dictionary
نوختا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئات - ئېشەكنىڭ بېشىغا سالىدىغان جابدۇق.
<نوختا> دا ئېغىزدۇرۇق بولمايدۇ.
ئاتنى ساتساڭ، يۈگەننى قالدۇر. ئاتىسى باشقىنى خۇدا قوشىدۇ، ئۈيۈرى باشقىنى نوختا. ئات بوينىدا جوغۇلا، بېشىدا يۈگەن - نوختا، ئاچچىقىڭ تولا كەلسە، سەۋرى قىل، بىزە توختا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئات، ئېشەك، تۆگە قاتارلىقلارنىڭ بېشىغا سېلىپ، ئۇلارنى يېتىلەش، باشقۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان جابدۇق.
ئاتنىڭ نوختىسى ئېشەككە توغرا كەلمەپتۇ (ماقال).
كۆچمە. كونترول، چەكلىمە.
ئېغىزنىڭ نوختىسى يوق، تىلنىڭ سۆڭىكى (ماقال).