UyghurMain Dictionary
نوپۇس تاختىسى قانۇنى
دۇنيا تارىخى
چاۋشيەندىكى لى سۇلالىسىنىڭ نوپۇس قانۇنلىرىدىن بىرى. 1413-يىلى (تەيزۇڭنىڭ 13-يىلى) جاكارلانغان. بۇ قانۇندا پۈتۈن مەملىكەتتىكى پۇقرالاردىن 10 ياشتىن (كېيىن 16 ياشقا ئۆزگەرتىلگەن) 70 ياشقىچە بولغان ئەرلەر، ئۆزلىرىنى نوپۇسقا ئالدۇرغاندا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تارقاتقان ھۆكۈمەت تامىغىس بېسىلغان نوپۇس تاختىسىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ قانۇن نوپۇسنى تىزەىنلەپ، فېئودال دۆلەتنىڭ باج - سېلىق كىرىمى ۋە ئەسكەر مەنبەسىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان. نوپۇس تاختىسى ئۈستى يۇمىلاق، ئاستى تەرىپى تۆت بۇرجەك شەكىلدە بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 3.7 ئىلىك، ئېنى 1.3 ئىلىك، قېلىنلىقى 0.2 ئىلىك كېلەتتى. ئاددىي پۇقرالارغا تارقىتىلغان نوپۇس تاختىسى ئادەتتىكى ياغاچلاردىن ياسالغان بولۇپ، ئۇنىڭغا شۇ كىشىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى، تۇرالغۇسى، چىراي قىياپىتى ياكى تەن تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكى خاتىرىلەنگگن، بۇ ئۇنىڭ قۇل - دېدەك ياكى تۆۋەن تەبىقىدىن ئىكەنلىكىنىڭ نىشانىسى ھېسابلىنىدۇ. مۈلكى ۋە ھەربىي ئەمەلدارلارغا تارقىتىلغان نوپۇس تاختىسى ئادەتتىكى ياغاچلاردىن ياسالغان بولۇپ، ئۇنىڭغا شۇ كىشىنىڭ ئىسم - فامىلىسى، تۇرالغۇسى، چىراي قىياپىتى ياكى تەن تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكى خاتىرىلەنگەن، بۇ ئۇنىڭ قۇل - دېدەك ياكى تۆۋەن تەبىقىدىن ئىكەنلىكىنىڭ نىشانىسى ھېسابلىنىدۇ. مۈلكى ۋە ھەربىي ئەمەلدارلارغا تارقىتىلغان نوپۇس تاختىسىنىڭ ماتېرىيالى ۋە ئۇنىڭغا پۈتۈلگەن خاتىرىلەر ئاددىي پۇقرالارنىڭكىدىن پەرقلىق بولغان، 2-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مۈلكى ۋە ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ پىل چىشى ياكى بۇغا مۈڭگۈزىدىن ياسالغان، 3-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مۈلكى ۋە ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ نوپۇس تاختىسىغا پەقەت ئەمەلىي، يېشى، ئورۇن - مەرتىۋىسىلا خاتىرىلەنگەن بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ شەرىپى ۋە ئىمتىيازىنىڭ بەلگىسى سانىلىدۇ. نوپۇس تاختىسى قانۇنىغا خىلاپلىقى قىلغۇچىلارغا قاتتىق جازا (كېيىن ئۆلۈم جازاسىغا ئۆزگەرتىلگەن) بېرىلگەن. ئىجرا قىلىشتا قىيىنچىلىق بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، 1416-يىلى ۋاقىتلىق توختىتىلغان، 1459-يىلى (شىزۇنىڭ 5-يىلى) ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، 1469-يىلى (رۇيجۇڭنىڭ 1-يىلى) يەنە بىكار قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ ھال لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغىچە كۆپ قېتىم تەكرارلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغىلى بولمىغان.