UyghurMain Dictionary
نوچى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسمانىي جەھەتتىن كۈچلۈك كىشى، جەسۇر.
«گاڭگۇڭ» خەنزۇچە: 光棍儿 . ئەسلى مەنىسى: بويتاق.
يۈگۈنسىز ئاتنى پالۋان مىنەر سادىر پالۋان _ مىللىي قەھرىمان. گەپ ساتىدىغان يۈز پوچىدىن، ئىش قىلىدىغان بىر نوچى ئەلا. سېيىت نوچى ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى ئاپارغان. ئابدۇل گاڭگۇڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
باشقىلارغا بوزەك بولمايدىغان ھەم باشقىلارنى بوزەك قىلمايدىغان؛ كۈچلۈك، گاڭگۇڭ، مەرد.
مەن ساڭا ئېجىل - ئامراق، ئۆلتۈرەي سېنى قانداق؟ ئۆلتۈرمەي دېسەم نوچى، خاننىڭ يارلىقى شۇنداق.
سەرخىل، ئەڭ ياخشى.
مال دېگەننىڭ نوچىسىنى تاللاپ ئېلىش كېرەك.