UyghurMain Dictionary
نوتا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئۆسۈملۈكنىڭ يېڭى بىخلىنىپ چىققان يۇمران شېخى.
ياغاچنى نوتا چېغىدا ئەگ (ماقال).
تەڭ شاراب بېرىدۇ غورىدىن كېيىن،
نوتا گۈل ئاچىدۇ غۇنچىدىن كېيىن.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
مۇزىكىشۇناسلىق ئاتالغۇسى. 1. مۇزىكلىق تاۋۇشلارنى كۆرسەتكۈچى شەرتلىك بەلگىلەر.
«دو» نوتىسى.* ئاددىي نوتا. * نوتىغا ئالماق.
2. نوتىلار يېزىلغان قەغەز. نوتىغا قاراپ چالماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
دىپلوماتىك ھۆججەت. بىر دۆلەت ھۆكۈمىتى ئارىدىكى بىرەر ۋەقە ئۈستىدە ئۆز پىكىرىنى يەنە بىر دۆلەت ھۆكۈمىتىگە ئۇقتۇرغان ئالاقە.
نوتا تاپشۇرماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆسۈملۈكنىڭ يېڭى ئۆسۈپ چىققىنى، ياش ۋاقتى.
«بىخ» دەل - دەرەخنىڭ يېڭىلا چىققىنى، «ناتا» خېلى ئۆسكىنى.
«مايسا» زىرائەتنىڭ يېڭى ئۆسۈپ چىققىنى.
ئەتىياز كەلدى، دەرەخلەر بىخ سۈردى. ياغاچنى نوتا چېغىدا ئەگ. مايسىنى يولۇپ ئۆستۈرمەك _ ئەخمەقلىق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
دەل - دەرەخلەرنىڭ تۈپتىن يېڭى ئۆسۈپ چىققان يۇمران شېخى.
ئالما نوتىسى. نەشپۈت نوتىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<لاتىنچە
تارىخىي ئىشلار
بىر دۆلەتنىڭ ئىككىنچى بىر دۆلەتكە يازغان رەسمىي مۇراجىئەتنامىسى.
نوتا تاپشۇرماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە>لاتىنچە
مۇزىكا
تاۋۇشنىڭ شەرتلىك يازما بەلگىسى.
نوتىغا ئالماق. نوتىغا سالماق.
شۇنداق بەلگىلەر بىلەن يېزىلغان مۇزىكا ئەسىرىنىڭ تېكىستى، شۇنداق تېكىستلەر يېزىلغان دەپتەر، كىتاب ۋە شۇ قاتارلىقلار.
ئەينى زاماندا مۇزىكا ئاھاڭلىرى ياكى نوتىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى يوقالغان.
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، ئابلىمىت سابىرنىڭ ھېكايىلار توپلىمى بولۇپ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1985 - يىل 6 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا يازغۇچىنىڭ <دوستلار>، <قوڭغۇراقلىق قىز>، <بىر پارچە خەت>، <خەيرلىك كېچە> قاتارلىق 11 پارچە ھېكايىسى كىرگۈزۈلگەن.