UyghurMain Dictionary
نەرگىس گۈلى
بىئولوگىيە
تاشسامساق ئائىلىسىگە كىرىدىغان. كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تۇخۇمسىمان يۇمىلاق تەڭگىچە بولى بولىدۇ. يوپۇرمىقى يىپسىمان، ياپىلاق، تار ئۇزۇن، ئۇچى يۇمىلاق، بىرئاز يېشىل بولىدۇ. گۈل شېخىنىڭ ئوتتۇرىسى كاۋاك، ياپىلاق بولۇپ، يوپۇرمىقى بىلەن تەڭ ئۇزۇنلۇقتا بولىدۇ؛ ئومۇمىي ئورىغۇچى يوپۇرمىقى يالقۇنسىمان بولۇپ، پەردىلىشىدۇ؛ كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى 4 - 8 دانە گۈلدىن تەركىب تاپىدۇ، گۈل تۈز ئۇزىرايدۇ، تۆۋەنگە ساڭگىلايدۇ. گۈل يېپىنچىسى ئېگىز پۇتلۇق كېپىنەكسىمان، نەي قىسمى ئۈچ قىرلىق، ياپرىقى ئالتە بولۇپ، كېڭىيىدۇ ۋە سىرتقا قايرىلىدۇ، رەڭگى ئاق بولىدۇ؛ قوشۇمچە گۈلتاجىسى تېيىز رومكىسىمان، سۇس سېرىق، پۈرۈلمىگەن بوۇپ، گۈل يېپىنچىسىدىن قىسقا بولىدۇ. ئاتىلىقى قوشۇمچە گۈلتاجىسىنىڭ ئىچىدە ئۆسىدۇ، ئانىلىق ئاغزى ئۈچكە يېرىلىدۇ. غوزا مېۋىسى دۈمبىسىدىن يېرىلىپ، تەڭگىچە غولى ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ. ئۇ سوغۇققا چىداملىق بولۇپ، ئادەتتە مۇنبەت قۇمساڭ تۇپراقتا ئۆسىدۇ، سۇدا ئۆستۈرۈشكىمۇ بولىدۇ، بىراق سۇدا ئۇزۇن ئۆسەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسلى ماكانى فۇجيەن ۋە جېجياڭ بولۇپ فۇجيەن جاڭجۇدىن چىقىدىغىنى ئەڭ ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ. باشقا ئۆلكىلەردە تەشتەكتە ئۆستۈرۈلىدۇ. نەرگىس قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە ئۆي ئىچىدە ئۆستۈرۈلىدىغان ئەتىۋارلىق مەنزىرە ئۆسۈملۈكى بولۇپ، ئۇنىڭ يېڭى گۈلى يۇقىرى دەرىجىلىك خۇش پۇراق ماينىڭ خام ئەشياسى قىلىنىدۇ. تەڭگىچە غولى بىلەن غول شادىسى شىرنىلىك بولىدۇ، شىرنىسى زەھەرلىك بولغاچقا غەلۋىرەك ئىششىقىغا شىپا بولىدۇ، ئەگەر كالا ۋە قويلاپ يەپ سالسا شۇ ھامان پەيلىرى تارتىشىپ، كۆز چانىقى يوغىناپ، ئىچى سۈرۈپ كېتىدۇ.