UyghurMain Dictionary
نەرم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يۇمشاق، مۇلايىم؛ يۇمشاقلىق:
بىھەيادۇركىم بۇلار زاتىدا ئەسلا شەرمى يوق،
قەتئ رەھم دىلخەستەكىم كۆڭلىدە زەررە نەرمى يوق،
ھەم خۇنۇكدۇر بارچە ئەفئالى ساۋۇقكىم گەرمى يوق،
ياخشى سۆزنى تىڭلاماس، ھەرگىز يۈزىنىڭ چەرمى يوق.
زەبتە يوقلۇقتىن يامانلارنىڭ بولۇپدۇر بۇ زەمان.
ئابدۇقادىر داموللام.