UyghurMain Dictionary
نەرسە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوبيېكتىپ مەۋجۇت ھەممە جىسىم ۋە ھادىسىلەر.
<نەرسە> ئومۇمىي ئات، بارلىق كونكرېت ياكى ئابستراكت ھەممە نەرسە - كېرەككە قارىتىلىدۇ.
<شەيئى> پەلسەپىۋى ئاتالغۇ، ئالەمدىكى ھەممە نەرسىگە قارىتىلغان.
<ئەشيا> تېخى ئىشلەنمىگەن ھەر خىل ماددىي ۋاستىلەر.
<بۇيۇ
ئۇ بازارغا نەرسە ئالغىلى كەتتى. مەندە ھېچ نەرسە يوق. ئۇنىڭ يانچۇقىدىن جىق نەرسە چىقتى. ھەممە شەيئى ئىككى ياقلىمىلىققا ئىگە. زاۋۇت - فابرىكىلاردا خام ئەشيا ئۈزۈلۈپ قالسا، ئىشلەپچىقىرىش توختايدۇ. تۇرمۇش بۇيۇملىرى مول بولسا، تۇرمۇش پاراۋان بولىدۇ. ئۇ تازا بىر قاملاشمىغان نېمە ئىكەن.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
نېمە بولسا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ھەر تۈرلۈك ماددىي مەۋجۇدات، ھەر تۈرلۈك شەيئى.
نەرسە بىزدىن تاشقىرىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ سەزگۈ ۋە تەسەۋۋۇرلىرىمىز نەرسىنىڭ ئوبرازى.
ياشاش ئۈچۈن، ھاياتلىق ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بۇيۇم، مەھسۇلات.
يېگۈدەك ھېچ نەرسە قالمىدى.
ئومۇمەن ھەر تۈرلۈك ھادىسە، ئىش (گەپ - سۆز، كۈلكە، ئىش، ۋەقە قاتارلىق).
ئۇ ئۆمرىدە ئىككى نەرسىنى ياخشى كۆردى. بىرى گۈزەلئاينى، بىرى ناخشىنى.
ئومۇمەن جانلىقلارنىڭ سۈپىتىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر بىلەن بىرىكىپ كېلىپ شۇ سۆز ئىپادىلىگەن تۈرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇ ئىلگىرىكىن قۇۋ نەرسە - دە.