UyghurMain Dictionary
نەرد
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
شاھماتقا ئوخشاش بىر خىل ئويۇن ۋە مۇشۇ ئويۇننى ئوينايدىغان كاتەكچە تاختا:
كىمكى ئول گۈلنى كۆرۈپدۇر لالەزارى باغ ئارا،
قالدى جىسمى كەئبەتەينى نەرد ئوخشە داغ ئارا،
بارتەنى ئەز بەس نەزاكەتدىن لەتىف بۇ چاغ ئارا،
تاش يۈرەكى كۆرەنۇر ئول شوخنىڭ قورساغ ئارا.
دەردى ئىشقى بىر تىكەندەك باردۇرۇر تىرناغ ئارا.
قەلەندەر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سەترەنجى ياكى قاتارغا ئوخشاش بىر خىل ئوتۇشماق ئويۇنى.